ھازىرقى دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى ۋە تېخنىكا بىلىملەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مۇزىكا ئىشلەش،ئۈنگە ئېلىشكە مۇناسىۋەتلىك دېتاللارنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ كەتتى،ھەمدە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان،ئۆگىنىشنى يېڭىدىن باشلىغانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ.ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە كۆپچىلىك بىلەن،مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋاز ئېلىش ئۈنۈملەش خىزمىتىدە Protools ۋە Cubase دېتالىدىن قايسىنى ئىشلەتسەك ئەڭ ياخشى دىگەن تېمىدا ئازراق پاراڭ قىلايلى. ProTools  كۆپچىلىككە مەلۇملۇق ProTools بولسا ئۈنگە ئېلىش ۋە ئۈنۈملەش جەھەتتىكى كەسپىي ساھە ئۆلچىمى بولۇپ،يۇقىرى بولغان ئاۋاز سۈپىتى ۋە مۇقىمچانلىقى ياخشى بولۇش قاتارلىق نورغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ئېگە،دۆلەت ئچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن كەسپىي ئۈنگە ئېلىش ئىشخانىلىرى دىگۈدەك ئىشلىتىدۇ.يەنە بىرسى دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختى بىيجىڭدا قۇرۇلغان كەسپىي ئىشخانىلاردا ئەگەردە Protools يوق بولۇپ قالسا ئشخانىڭىزنىڭ بىزلىشى ئۈسكۈنىلىرىڭىزنىڭ كاتتا بولۇپ كېتىشى بىلەن بەرىبىز سىزنىڭ لاياقەتلىك ياكى كەسپىي ئىشخانا ھېساپلانمايدۇ.
دەسلەپكى مەزگىللەردە Protools نىڭ پەشتىقى(ئوقۇرى) ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ،بۇ دېتالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قاتتىق دېتاللارنىمۇ بىرلىكتە سېتىۋىلىشقا توغرا كېلەتتى،ئەمما ھازىرقى Protools دېتالىغا مەخسۇس قاتتىق دېتاللىرىنى سېتىۋىلىش ياكى شۇلارنى قوشۇش ئىشلىتىش ھاجەتسىز،پەقەت مۇشۇ دېتاللا بولسا خالىغان ماركىدىكى ھەرقانداق ئاۋاز كارتىلىرى بىلەن ئىشلەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ،ھەمدە باھاسىمۇ ئىنتايىن مۇۋاپىق،يەنە تېخنى MboxPro قاتارلىق AVID ئائىلىسىگە تەۋە بولغان ئاۋاز كارتىسى سېتىۋالسىڭىز ھەقىقىي نەشىردىكى Protools نىڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى قوشۇپ سوۋغات قىلىدۇ.
شۇڭلاشقا ھازىر Protools ئىشلىتىدىغانلار بارا-بارا كۆپىيىپ تېخىمۇ بەكرەك ئوموملىشىشقا باشلىدى.ئەمەلىيەتتە مۇزىكا ئىشلەش ئۈنگە ئېلىش دېتاللىرىنىڭ مەشخۇلاتلىرى ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ،ئەگەردە سىز ئىلگىرى Cubase قاتارلىق مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز ،ئۇنداقتا Protools نى ئىشلىتىش سىزگە نىسبەتەن ئانچە تەس بىلىنمەيدۇ،ھەمدە ھەرقايسىلىرىدا دائىملىق ئىشلىتىدىغىنى يەنىلا ئاشۇ ئوخشاش ئىقتىدارلار،پەقەت كۆرۈنمە يۈزى ۋە تاللاش تۈرى جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ خالاس.
Cubase  Cubase بولسا گىرمانىيە Steinberg شىركىتى ياساپ تارقاتقان،كىيىنكى مەزگىللەردە YAMAHA شىركىتى سېتىۋلىىپ تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان ئىقتىدارى ۋە ئۇنېۋرساللىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مۇزىكا ئىشلەش،ئۈنگە ئېلىش،ئۈنۈملەش يۇمشاق دېتالى.
Cubase دېتالى ئەمەلىيەتتە بىرەر دۇكاندىن بىرتال بارماق دىسكا ستۋىلىىپ ئىشلەتكەنكە ئوخشاش ئۆزىنىڭ مەخسۇس قارانچۇقى(加密狗) سى بىلەن بىللە مەۋجۇت بولىدىغان،سېتىۋىلىش،تىزىملىتىش،قاچىلاش قاتارلىق مەشخۇلاتلىرى ئىنتايىن قىلىپلاشقان دېتال ھېساپلىنىدۇ.بەلكى بەزىلەر Logic Pro نى ئەڭ مۇكەممەل دەپ ئويلىشى مومكىن،ئەمما Cubase دېتالى بىخەتەرلىك،ياكى قوللۇنۇش جەھەتتىن بولسۇن ئەڭ ياخشى دېتال ھېساپلىنىدۇ.
Cubase دېتالى بىلەن يېڭى ئۇچراشقانلار خۇددىي ئەينى دەۋىرلەردىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بىلەن دەسلەپتە ئۇچراشقانلارغا ئوخشاش ، ئازراقمۇ ئاساسىي مەشخۇلات بىلىمى بولمىسا،قەيەردىن باشلاشنى قانداق مەشخۇلات قىلىشنى بىلگىلى بولمايدۇ.چۈنكى Cubase دېتالىدا مۇكەممەل مەشخۇلات ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن نورغۇنلىغان ئۈچىنچى تەرەپ ئاۋاز مەنبەلىرى يانداش دېتاللىرى ۋە قىستۇرمىلىرىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.شۈبىھىسىزكى دەسلەپكى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك ئىشلىتىش يۈكىنى .ېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ.يەنە بىرسىگە Cubase دېتالىنىڭ قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى دىمەي بولمايدۇ،مەيلى ئالما كومپىيۇتېر مەيلى PC ۋىندوۋېس سىستېمىلىق كومپىيۇتېرى بولسۇن ھەممىسدە ئوخشاش قاچىلاپ مەشخۇلات قىلىشقا بولىدۇ.ھەمدە VST شەكىلدىكى plugins يەنى كۆپخل ئاۋاز مەنبەلىرىنى مۇكەممەل قوللايدۇ.(يېڭىلىنىش،تەرەققىيات ۋە شاللىنىش سەۋەبىدىن Cubase 8.5 دىن يۇقىرى نەشىرلىرى 32 بېتلىق قىستۇرما ئاۋاز مەنبەلىرىنى قوللىمايدۇ،بۇ دەل دەۋرنىڭ ئىھتىياجى)
Cubase يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ دوستانە بولغان بىر نوختا شۇكى،Cubase نى ئىشلىتىدىغان ئادەم سانى بىرقەدەر كۆپ(بۇ مېنىڭ شەخسىي سۇبېكتىپ تەسىراتىم)،دۆلىتىمىز ئىچىدىكى مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەر،ئۈنگە ئېلىش ئىشخانىلىرى ئىچىدە Protools ۋە Logic قا قارىغاندا Cubase ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى ھەقىقەتەن كۆپ،بۇنىڭ سەۋەبى ئەينى يىللىرى ئاساسەن دىگۈدەك مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن دېتال ئىزدىسەك Cubase نىڭ يېشىۋىتىلگەن نۇسخىسىنى ئاساسەن ئىزدەپ تېپىش ئاسانتى،ھەمدە قىيمىغان ئاساستا ئالما كومپىيۇتېر سېتىۋىلىپ Logic Pro ئىشلىتىدىغان(ئالما كومپىيۇتېرنى سېتىۋالغاندىن كىيىن دېتالنىڭ ئۆزىنى يەنە ئايرىم پۇل خەجلەپ سېتىۋالسىز،ھەمدە بۇ دېتال تا ھازىرغىچە پەقەت ئالما كومپىيۇتېردا ياكى ئالما سىستېمىسىدىلا ئىشلەيدۇ، ياكى Protools نى ئىشلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس شۇنىڭغا مۇنسىۋەتلىك بولغان قاتتىق دېتاللىرىنى قوشۇپ سېتىۋالىدىغانلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك ئېدى.بىردانە ئادەتتىكى ئۈستەل كومپىيۇتېر ۋە ياكى خاتىرە كومپىيۇتېرىڭىزلا بولسا Cubase دېتالىنى قاچىلاپ بىمامال مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئۈنگە ئېلىش كەسپىي خىزمەتلىرىڭىزنى بىمالال قىلالايتتىڭىز.شۇ سەۋەپتىن Cubase دېتالى كومپىيۇتېر مۇزىكىسى دەۋرىگە كىرگەندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە پۈتكۈل خەلىقئاراغا ئەڭ بەك ئومۇملاشقان مۇزىكا ئىشلەش ،ئۈنگە ئېلىش دېتاللىرىنىڭ سەركىسى ھېساپلىنىدۇ.
ئەلۋەتتە يۇقارقى ئىككى خىل دېتالدىن باشقا يەنە ئوخشاش تۈردىكى مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئۈنگە ئېلىش دېتاللىرىنىڭ تۈرى ۋە تاللاش ئىنتايىن كۆپ.ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ قايسى دېتالنى ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىشى قايسى دېتالنى تاللىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى،بولۇپمۇ بۇجەھەتتىن بىزنىڭ تىلىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك دەرىسلىك ۋە تېخنىكا بىلىملەر ئىنتايىن كەمچىل ۋە پەقەت بىزنىڭ «تېخنىكا تور دەرىسخانىسى» دىن ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بولغان تېخنىكا بىلىملەرنى تاپالايسىز.
ئەلۋەتتە يۇقارقى ئىككى خىل دېتالدىن باشقا يەنە ئوخشاش تۈردىكى مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئۈنگە ئېلىش دېتاللىرىنىڭ تۈرى ۋە تاللاش ئىنتايىن كۆپ.ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ قايسى دېتالنى ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىشى قايسى دېتالنى تاللىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى،بولۇپمۇ بۇجەھەتتىن بىزنىڭ تىلىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك دەرىسلىك ۋە تېخنىكا بىلىملەر ئىنتايىن كەمچىل ۋە پەقەت بىزنىڭ «تېخنىكا تور دەرىسخانىسى» دىن ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بولغان تېخنىكا بىلىملەرنى تاپالايسىز. |