「python ئاساسى بىلىملىرى」 ئالدىنقى مەزمۇندا بىز Python تىلى ھەققىدە ئاساسىي چۈشەنچىلەرنى كۆرۈپ ئۆتتۇق، ئەمدى نۆۋەتتىكى يازمىدا بىز كود يېزىش، ئېچىش مۇھىتى ھەققىدە تەييارلىق بىلىملەرنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇ يازمىدىكى مەزمۇنلار:
Python ئېچىش مۇھىتىنى قاچىلاش
"سالام دۇنيا" كودىنى يېزىش
Python كود قۇرۇلمىسى ۋە ئىجرا يۆلىنىشى
بولاق (مودۇل) قاچىلاش ھەققىدە
چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ھەممىمىزگە مەلۇم كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ ئائىلە، قول كومپيۇتېرى، ئىشخانا، ئىدارە-ئورگان، مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرلىرى ئاساسەن دىگۈدەك مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ ۋىندوۋىس مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدە بولغاچقا، بۇ يەردە ۋىندوۋس سىستېمىسى ئاساسىدا كۆرسەتمە بېرىلىدۇ. ئېچىش مۇھېتى:
Windows 10 ياكى باشقا سىستېمىلار بولسىمۇ بولىدۇ
تاللانغان نەشىرى:
3.7 ياكى باشقا 3.0 يۇقرى نەشىرى بولسا بولىدۇ.
ئورگان تورى:
www.python.org
بىرىنچى قەدەم:
ئالدى بىلەن ئورگان تورىنى زىيارەت قىلىپ، چۈشۈرۈش بىتىنى ئېچىپ ئۆزىمىزنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىمىزغا ماس ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان قاچىلىغۇچ ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز. بۇيەردە بىز Python3.7.0 نىڭ قاچىلىغۇچ ھۆججىتىنى چۈشۈردۇق.
ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى : 64 بىتلىق سىستېما ئۈچۈن x86-64 بولىقىنى چۈشۈرىمىز، 32 بىتلىق ئۈچۈن x86 بولىقىنى چۈشۈرىمىز.  ئىككىنچى قەدەم:
چۈشۈرۈپ بولۇپ ھۆججەتنى قاچىلايمىز، قاچىلاشنى باشلىغاندا ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك ئىككى نۇقتىنى تاللاشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەك.
 ئۈچىنچى قەدەم: يۇقارقى باسقۇچتىن كىيىن قاچىلاپ بولۇپ، كومپيۇتېر باشلاش كۆزنىكىدىكى تىزىملىكتە Python3.7 نامدا بىردانە ھۆججەت قىسقۇچ پەيدا بولىدۇ، بىز مۇشۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچىسى IDLE Python 3.7 نى قوش چىكىپ ئىجرا قىلىمىز.  تۆتىنچى قەدەم: دىتال قوزغالغاندىن كىيىن <<< ئورۇنغا كود يېزىپ ئىنتېرئاكتىپ ھالەتتە ئىجرا قىساقمۇ بولىدۇ، ياكى سول ئۈستى تەرەپتىكى File دىگەن ئورۇندىن يېڭى ھۆججەت قۇرۇپ كود يازساقمۇ بولىدۇ. بۇ يەردىكى توپلاشتۇرۇلغان ئېچىش مۇھېتى كۆزنىكىنىڭ ئاساسلىق رولى تۆۋەندىكىچە: بىز Options-Configure IDLE نى ئېچىپ خەت نۇسخىسى، چوڭلۇقى، كۆزنەك رەڭگى قاتارلىقلارنى بىكىتەلەيمىز، help كە كىرىپ يادەم ھۆججىتى، مىسال كودلارنى كۆرەلەيمىز، دىمەك بوش ۋاقىتتا ئۈستىدىكى خەتلەرنى تاللاپ ئويناپ باقساقمۇ زىيىنى يوق. قوشۇمچە:
ئادەتتە كود يېزىشتا ياخشى بىر دىتالنى تاللاش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. گەرچە تېكسىت ھۆججىتىدىمۇ ھەرقانداق كودنى يازغىلى بولغىنى بىلەن، ئەمما ھېچكىشىمۇ ئۇنىڭدا يازمايدۇ.
يۇقىرىدا قاچىلىغىنىمىز ئورگان سۇپىسى تەرەپتىن تەمىنلىگەن بولۇپ، كود يېزىش جەريانىدىكى تىزلەتمە مەشغۇلات، ئاپتۇماتىك تولۇقلاپ بېرىش دىگەندەك پىروگىراممېرلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئىقتىدارلىرى يوق.
شۇڭا تۆۋەندە ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن دىتاللاردىن بىر قانچىسىنىڭلا تىزىملىكى تەۋسىيە تەرتىپىچە تىزىلدى، قىززىقۇچىلار ئىزدەش ماتورىدىن ئىزدەپ چۈشۈرۈپ قاچىلىسا بولىدۇ.
1. Visual Studio Code ياكى VS Code، ھەقسىز.
2. PyCharm، ھەقلىق.
3. Sublime Text، ھەقلىق.
"سالام دۇنيا" كودىنى يېزىش يىڭى ئۆگەنگەندە كۆپىنچىىز دىيىشىۋالغاندەكلا "سالام دۇنيا" دىگەن خەتنى ئىكرانغا يېزىش پىروگراممىسىنى يازىمىز. ئالدى بىلەن يىڭى ھۆججەتتىن بىرنى قۇرۇپ ئىچىگە ئاستىدىكى كودنى يازايلى كودنى يېزىپ بولۇپ، ئۈستىدىكى Run دىگەن ئورۇندىن Run Module F5 نى تاللىساق، ياكى بىۋاستە F5 كۇنۇپكىسىنى باسساق كود ئىجرا بولىدۇ ھەمدە ئىكرانغا Hello World سۆزى يېزىلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى Python كود مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىجرا بولدى. ئىجرا بولغاندىكى نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك: ئەگەر سزمۇ يېزىپ كۆرۈپ، نەتىجە مۇشۇ يەردە دىيىلگەندەك چىقسا: سىزگە بىرتال  بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولۇدىكى، سىزنىڭ قاچىلىغان نەشىرىڭىز، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سەپلىمە تىپى، ھەمدە ھۆججەت نامى قاتارلىق ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت كۆك رەڭدىكى ئۇچۇر يەنى سىزنىڭ پىروگىراممىڭىزنىڭ يۈرۈش نەتىجىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەمدى بىز كودنىڭ مەنىسىگە كىلەيلى، بىز يازغان ئاشۇ بىر كودنىڭ مەنىسى بولسا كومپيۇتېرغا سالام دۇنيا دىگەن خەتنى يېزىش. بۇ يەردىكى print سۆزى ئىكرانغا ياز دىگەننى بىلدۈرىدۇ. دىمەك سىزنىڭ تۇنجى كودىڭىز مۇۋەپپىقىيەتىك بولدى. كود قۇرۇلمىسى ۋە ئىجرا يۆلىنىشى باشقا تىلدىكى كودلارغا ئوخشاش Python مۇ يۆلىنىشى ئۈستىدىن ئاستىغا بولۇپ، فۇنكىسيەلىك كودلاش، بۆلەكلەرچە كودلاش قاتارلقلارنى قوللايدۇ. ئۇنداقتا ئالدىدىكى "سالام دۇنيا" كودىنىڭ ئورنىدا يازغان كود مۇنداق بولسىچۇ: نىمىشقا "ياخشى" سۆزىدىن ئىككىسى پەيدا بولۇپ قالدى ؟ بىز print ئارقىلىق بىرنىلا يازغان تۇرساق ؟ بۇيەردىكى ئىككىنچى "ياخشى" سۆزىنىمۇ بىز يازغان. ئەمەلىيەتتە بىرىنچىسى ئىكرانغا يازىدىغىنى ئىسىم، لىكىن ئىسىم دىگەن بۇ سۆز سىزنىڭ كودىڭىزدا بىر مىقدار (ھەرپ تىزىق مىقدار) سۈپىتىدە بولۇپ، بۇ مىقدارنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، ئۇنىڭ قىممىتىنى ئىكرانغا يازىدۇ. ئىنىقكى ئىسىم دىگەن بۇ مىقدارنىڭ قىممىتى دەل بىرىنچى "ياخشى"، شۇڭا ئىكراندا "ياخشى" سۆزىدىن ئىككىسى يېزىلىدۇ. دىمەك Python تىلىدا مىقدارلار ئۇقۇمى مەۋجۇد، مىقدار ھەققىدە كىلەركى مەزمۇندا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمىز. ئەگەر بىز باشقا ئىسم يازماقچى بولساقچۇ ؟ ئەگەر ئىسىمنى 10 قېتىم ئىكرانغا يازساقچۇ؟ ئۈستىدىكى كودتا كاتەكچىگە ئىلىنغان قىسىم ئايلانما جۈملىسى بولۇپ، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى كىيىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىمىز. ئەگەر بىز بۇ يەردىكى مىقدار ئىسىم2 نى تېكسىت ھۆججىتىگە مىڭ قېتىم يېزىشقا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە: بۇ كودلارنى يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر چۈشەنمىسە ھازىرچە نۇرمال ئەھۋال، بۇ بۆلەكتە ئاساسلىقى كود ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئىجرا بولۇش مىخانىزىمى ھەققىدە ئازتولا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش. ئۇنداقتا ئۈستىدىكى كود ئىجرا بولغاندىن كىيىن ئىسىم.txt دىگەن نامدا بىر ھۆججەت پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دەل بىز يازماقچى بولغان مەزمۇن بار. يەنى ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك: كوددىن كۆرۈۋىلىشقا بولۇدۇكى، 1-2-قۇردا ئىككى سۆزگە ئىنىقلىما ۋە قىممەت بەردۇق. 3-4-قۇرلاردا ئىككى مىقدار قىممەتلىرىنى ئىكرانغا يازدۇق. 5-قۇردا، f دىگەن نامدىكى ھۆججەت پوينتېرى ئارقىلىق " txt.ئىسىم " دىگەن نامدا بىر تېكست ھۆججىتى قۇردۇق، تېكست ھۆججىتى پىروگىرامما ھۆججىتى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا ئاپتوماتىك پەيدا بولىدۇ. 6-قۇردا 10000 قىتىملىق ئايلانمىدىن بىرنى قۇردۇق. 7-قۇردا بولسا، بىز مىقدار ئىسىم2 نىڭ قىممىتىنى ھۆججەت پويىنتېرى ئارقىلىق يىڭىدىن قۇرۇلغان تېكست ھۆججىتىگە ئون مىڭ قىتىم يازدۇق. مانا بۇ بولسا دەل رىۋايەتلەردىكى كومپىيۇتېر پىروگىراممىسىنىڭ ئىجرا بولۇش مىسالى. كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى مىقدار، قۇرۇلما، كونتىرول بۆلىكى... قاتارلىقلار بۇ تىلدا مەۋجۇد. كىيىنكى مەزمۇنلاردا بىز ھەرخىل بۆلەكلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمىز. ئۈچىنچى تەرەپ بولىقى(مودۇل) قاچىلاش بۇ تىلدا ئۈچىنچى تەرەپ ئامبىرىنى بەكمۇ كۆپ ئىشلىتىمىز. مەسىلەن: ماتىماتىكىلىق فورمۇلالارغا مۇناسىۋەلىك ئامبارلار دىگەندەك. بۇ فۇنكىسىيەلەر Python تىلدا باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلىپ ھەمدە شۇ فورمۇلا بىلەن ئوخشاش خاراكتېردىكى فۇنكىسىيەلەرنىڭ ھەممىسى يېزىلىپ بىر نام قويۇلۇپ بولاق ھاسىل قىلغان. بۇ تىلنىڭ غايەت زور ئالاھېدىلىكى بولسا دەل يۇقارقىغا ئوخشاش ئۈچىنچى تەرەپ بولاقلىرى ئىنتايىن مول ھەم كۈچلۈك . بىز لازىم بولغاندا شۇ ئامبارنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ، فورمۇلا ۋە ئىقتىدارلارنى بىزنىڭ كودىمىزغا ئېلىپ كىرەلەيمىز. فورمۇلا ياكى فۇنكىسىيەلەر لازىم بولغاندا بىز شۇ ئامبارنىڭ ئىسمىنى ئەڭ باشتا يېزىپ قويۇپ ئىشلەتسەكلا بولىدۇ. بۇلاردىن پايدىلىنىشنىڭ ئاسانلىقى ھەمدە مۇشۇنداق ئامبارلارنىڭ كۆپلىكى دەل بىزنىڭ مەزمۇن تەييارلاش سەۋەبىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنداقتا ئۈچىنچى تەرەپ بولاقلىرى قانداق قاچىلىنىدۇ؟ ھەممىمىزگە مەلۇم، Windows سىستېمىسىنىڭ بۇيرۇق ئەسكەرتىمىسى (命令提示符) بار، ئالدى بىلەن كومپيۇتېرنىڭ باشلاش كۆزنىكىدىكى يۈرگۈزۈش دىگەن جايغا ياكى باشلاش كۆزنىكىدىكى ئىزدەش دىگەن جايغا cmd دەپ كىرگۈزسەك بىر يىڭى ئىكران چىقىدۇ، بۇدەل بۇيرۇق ئەسكەرتمىسى كۆزنىكى بولۇپ مۇشۇ جايدا قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز. بىز بۇيرۇق ئەسكەرتمىسى كۆزنىكىنى قوزغاتقاندىن كىيىن pip دىگەن بۇيرۇقنى كىرگۈزسەك، ئاستىدىكىدەك بىر دۆۋە ئۇچۇرلار چىقىدۇ: ئەگەر رەسىمدىكىدەك ئۇچۇرلار چىقمىسا پەقەت بىرلا مۇمكىنچىلىك سەۋەبى قاچىلاش باسقۇچىدىكى "Add Python3.7 to Path" دىگەن خەتنى تاللاشنى ئۇنتۇپ قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن Python نىڭ قاچىلانغان ھۆججەت يولى ئادېرسىنى سىستېما مۇھېت مىقدارلىرى بۆلىكىگە قوشۇپ قويساقلا بولىدۇ، تەپسىلاتىنى بۇ يەردە سۆزلەنمەيدۇ. ئادەتتە ئۈچىنچى تەرەپ بولىقىنى قاچىلاش بۇيرۇقى قۇرۇلمىسى ئاستىدىكىدەك بولىدۇ: ئەلۋەتتە قاچىلىنىپ بولغان بولاقلارنى يۇيۇش بۇيرۇقىنىڭ قۇرۇلمىسى: ئۇنداقتا بىز ماتىماتىكىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان داڭلىق بولاق numpy نى قاچىلاپ باقايلى، قاچىلاش بۇيرۇقى ئۈستىدىكىدەك: قاچىلىغاندا چۈشۈرۈش سۈرئىتى، قاچىلىنىش تەپسىلاتى بىزگە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇيەردە چۈشۈرۈش سۈرئىتى تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ تور مۇھېتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا بىرقەدەر ئاستا بولىشى مۇمكىن. ئادەتتە تەتقىقاتلاردا ئىشلىتىدىغان بەزى بولاقلار خېلى چوڭ بولۇپ ئاستا سۈرئەتتە قاچىلاش ئەلۋەتتە تەخىر قىلىپ بولغىلى بولمايدىغان بىر ئىش. شۇڭا ئادەتتە دۆلىتىمىز ئىچىدىكى تەسۋىر بىكەتلىرىدىن قاچىلىساق چۈشۈرۈش سۈرئىتى نەچچە يۈز ھەسسە تىز بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئىچىدە چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى، بەيدۇ شىركىتى قاتارلىق بىر قىسىم ئالىي تەتقىقات ئورۇنلىرى تەمىنلىگەن تەسۋىر بىكەتلىرى بار، شۇ بىكەتلەردىن قاچىلىساقلا بولىدۇ. بۇ بىكەتلەردىن قاچىلاش بۇيرۇقى ئاستىدىكىدەك بولىدۇ: (ئۈچ ئورۇننىڭلا ئادېرسى بېرىلدى). - pip install -i https://pypi.tuna.tsinghua.edu.cn/simple ***
- pip install -i https://mirrors.aliyun.com/pypi/simple ***
- pip install -i https://mirrors.baidu.com/pypi/simple ***
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشيۇقارقى ئۈچ ئادېرستىن خالىغان بىرىنى تاللاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەڭ ئاخېردىكى يۇلتۇز بەلگىللىرى بىز قاچىلىماقچى بولغان ئامبار نامىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن ئىلگىرىكى numpy بولىقىنى بەيدۇ Python تەسۋىر بىكىتىدىن قاچىلاش بۇيرۇقى: - pip install -i https://mirrors.baidu.com/pypi/simple numpy
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشئۇنداقتا ئامبار بولاق قاچىلاشنى ئۆگىنىۋالغاندىكىن گەپ قىلمايلا ئاستىدىكى بىر نەچچە بولاقلارنى قاچىلىۋالايلى، ئەلۋەتتە قاچىلىماي ئۆتۈپ كەتسەكمۇ تامامەن بولىدۇ. كۆپ ئىشلىتىدىغان بولاقلار جەدۋىلى: ئەمدى مۇشۇ بولاقلارنى كودىمىزغا چاقىرىشتا: يۇقارقى بىر قۇر كود ئارقىلىقلا چاقىرىپ ئەكىرەلەيمىز. ئەكىرىپ بولۇپ بولاق ئىچىدىكى بىزگە تەمىنلەپ بېرىلگەن بارلىق فۇنكىسىيە ئىقتىدارلاردىن پايدىلىنالايمىز.شۇنىڭ بىلەن بولاق قاچىلاش ھەققىدىكى مەزمۇنلار تامام. پىلان بويىچە يۇقارقىلاردا بىز تىل مۇھىتى ھەمدە Python كودىنىڭ تەقى تۇرقى، بۇ تىلدىكى كودنىڭ ئاددى ئۇسلۇبلىرىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. بۇنىڭدىن سىرىت يەنە بىز ئاددى پىروگىراممىلارنى يېزىشنىمۇ ئۆگەندۇق، ئاساسەن بىرقەدەر ئاددىي خاسلىق ۋە ئاساسىي مەشغۇلاتتىن ئىبارەت. كىينكى يازمىلىرىمىزدىن باشلاپ بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە رەسمىي يۇسۇندا بۇ تىلنىڭ باشقا ئاساسى بىلىملىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. يازمىدا: ئابدۇسالام تەييارلىغۇچى: ئابدۇسالام  ئالاھىدە ئەسكەرتىش ئالاھىدە ئەسكەرتىش:مەزكۇر تېما شىرخان سالونىدىن ئېلىنغان،ئەسلە مەنبەدىن كۆرمەكچى بولسىڭىز ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش رامىكىسىغا «shirkhan» دەپ يېزىپ ئىزدەپ سالوننى قوشۇپ كۆرۈڭ. |