تاللاڭ يانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

[ئۈنۈملىگۈچلەر] 插件联盟Plugin Alliance ئورگان تورىدىن ئاكۇنت ئېچىش ۋە دېتال سېتىۋىلىش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش] رەسىملەر
WX20220419-112803.png
سالام كۆپچىلىك،ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىك بولسۇن.مەن بۈگۈن سىلەرگە Plugin Alliance يەنى 插件联盟 نىڭ ئورگان تورىدىن ئاكۇنت ئېچىش(ئەزالىق ئىلتىماس قىلىش) ۋە قىستۇرما دېتاللارنى سېتىۋىلىش توغرىسىدا قىسقا دەرىسلىك تەييار قىلدىم.بۇ يازمىنىڭ كۆپچىلىككە قولايلىق كەلتۈرەلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
♬ ♯ ♩ ♪ ♫ ♬ ♭♬ ♯ ♩ ♪ ♫ ♭♬ ♯ ♩ ♪
ئورگان تورىدىن ئاكونت ئېچىش (تىزىملىتىش) ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن ئورگان تورىغا كىرىمىز.
ئورگان تور بېكەت ئادرېسى : https://www.plugin-alliance.com
ئاندىن ئ‍ۈستىدىكى JOIN دىگەن خەتنى باسىمىز.
WX20220419-112307.png
چىققان كۆزنەكتىن تۆۋەندىكى ئورۇننى تولدۇرىمىز.
WX20220419-112337.png
FIRST NAME : دىگەن ئورۇنغا ئىسمىڭىزنى يېزىڭ
LAST NAME : دىگەن ئورۇنغا فامىلىڭىزنى يېزىڭ.
E_MAIL ADDRESS : دىگەن ئورۇنغا ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى يېزىڭ.
PASSWORD : دىگەن ئورۇنغا مەخپىي نومۇرىڭىزنى يېزىڭ.(دىققەت : مەخپىي نومۇر كىرگۈزگەندە ھەرىپ،سان،ھەرىپنى چوڭ كىچىك ھالەتتە ئارلاشتۇرۇپ تولدۇرۇڭ)
CONFIRM PASSWORD : دىگەن ئورۇنغا ئۈستىگە سالغان مەخپىي نومۇرنى ئوخشاش يېزىڭ(دىققەت : ئۈستى ئاستىدىكى ئىككى قېتىملىق مەخپىي نومۇر چوقۇم بىردەك بولسۇن)
ئاندىن ئاستىدىكى 进行人机身份验证 دىگەن ئ‍ورۇنغا بەلگە سېلىڭ.
ئاخىرىدا CREATE ACCOUNT دىگەن كۆك رەڭلىك خەتنى بېسىڭ.
p5.png
ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا دەلىللەش ئۇلانمىسى يوللاندى،شۇ ئۇلانمىدىن ئاكونتىڭىزنى دەلىللەڭ دىگەن ئەسكەرتىش كۆرۈنىدۇ.
ھەمدە ئۈستىگە تولدۇرغان ئېلخەت ساندۇقىڭىزنى ئېچىڭ.
p6.png
ئېلخەت ساندۇقىدىكى يۇقارقى Plugin Alliance ئورگان تورىدىن يوللانغان ئېلخەتنى ئېچىڭ.
p7.png
plugin-alliance ئورگان تورى ئەۋەتكەن دەلىللەش ئۇلانمىسىنى ئېچىڭ(قىزىل رامكا ئېچىدىكى كۆك رەڭلىك ئۇلانما ئادرېسىنى بېسىڭ)ھەمدە شۇ ئۇلانمىنى بېسىپ دەلىللەڭ.
p8.png
ئاشۇ ئۇلانمىنى باسقاندىن كىيىن يۇقارقىدەك كۆرۈنىدۇ،مۇبارەك بولسىۇن،سىز تور بېكىتىمىزدىكى ئاكونتڭىزنى ئاكتىپلاپ بولدىڭىز.ئەمدى بىېكىتىمىزگە كېرىپ باشقا مەشخۇلاتىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
مۇشۇ بەتنىڭ يان تەرەپتىكى كىرىش كۆزنىكىگە باياتتىن تىزىملاتقان ئاكونت (ئەزالىق نومۇرىڭىز) ۋە پارول (مەخپىي نومۇرىڭىز) نى ماس كاتەككە كىرگۈزۈڭ.
p9.png
E-MAIL ADDRESS : ئېلخەت ئادرېسىڭىز(ئاكونتىڭىز)
PASSWORD : پارول (مەخپىي نومۇرىڭىز) نى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكى كۆك رەڭلىك LOG IN (كىرىش) دىگەن خەتنى بېسىپ كىرىڭ.
يۇقارقى ئۇسۇل ئارقىلىق بىز ئورگان تورىدىن ئاكونت ئېچىپ بولدۇق.ئەمدى كىيىنكى قەدەم قىستۇرما دېتالنى سېتىۋىلىش.
p10.jpg
بۇ قېتىمقى پائالىيەت يەنى : Ampeg SVT-VR Classic,black box analog design HG-2,bx_console Focusrite SC,bx_masterdesk,bx_oberhausen,Shadow Hills Mastering Compressor قاتارلىق 6 دانە قىستۇرما دېتالنى ھەقسىز سوۋغا قىلىش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.تۆۋەندە مەن يۇقارقى 6 دانە دېتالغا ھەقسىز ئېرىشىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىمەن.
ئالدى بىلەن يۇقارقى ئۇلانمىنى بسىپ كىرىڭ.ئاندىن چىققان بەتتىن مال ھارۋىسىغا قوشۇش (Add to Cart) دىگەن كۆك خەتنى بېسىڭ.
p111.png
ئاندىن ئۈستىدىكى مال ھارۋىسى (Your Cart) دىگەن خەتنى بېسىڭ
p12.png
ئاندىن تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ،بۇئورۇنغا قارىسىڭىز سىزنىڭ ھازىر بىر دانە زاكاز ئۇچۇرىڭىز بار دىگەن خەتنى كۆرىسىز.
p13.png
چىققان ئورۇندىن ئاستىدىكى كۆرۈش (Checkout) دىگەن كۆك رەڭلىك خەتنى بېسىڭ.(ئەسكەرتىش : مۇشۇ ئورۇندىكى مەشخۇلاتنى چوقۇم تولۇق تاماملاڭ ھەمدە يازمىنى تەپسىلىي كۆرۈڭ،ئەگەردە بىرەر قەدەم باسقۇچنى چالا قىلسىڭىز ياكى خاتا قىلسىڭىز بۇ قىستۇرمىنى پەقەت 14 كۈنلا ھەقسىز ئىشلىتىسىز،15-كۈنىدىن باشلاپ توختايدۇ،ئىشلىتەلمەيسىز،شۇڭلاشقا بەزەنلىنىڭ كومپىيۇتىرىدا پەقەت 14كۈن سېناق ئىشلىتىسىز دەپ چىقىۋالدۇ....شۇڭلاشقا يازمامنى تەپسىلىي ئوقۇڭ ھەمدە مەشخۇلاتنى ئەستايىدىل قىلىڭ)
p16.png
بۇ خەتنى باسقاندىن كىيىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ تاللىغان مەھسۇلاتلىرىنى موشۇ ئورۇندىن كۆرۈپ پۇل تاپشۇرۇش ياكى ئىتىبار بىلەت ئارقىلىق سېتىۋىلىش دىگەندەك مەشخۇلاتلارنى قىلالايسىز.بۇ پەقەت باشقا قىستۇرما دېتاللارنى سېتىۋالغاندا پايدىلىنىدىغان ئ‍ورۇن.ئۈستىدىكى 6 دانە قىستۇرمىنى ھەقسىز سېتىۋالماقچى بولغانلار ئاستىدىكى مەزمۇنغا قاراڭلار.
ئۈستى تىزىملىكتىن ئاكونتتىم (YOUR ACCOUNT) دىگەن خەتنى بېسىڭ.
p155.png
ئاندىن چىققان بەتتىكى ئاستى تەرەپتىكى ئالماشتۇرۇش دوكۇمىنتى،يەرلىك ئاتالغۇمىزدا ئالماشتۇرۇش كودى Redeem Voucher دىگەن خەتنى بېسىڭ.
p15.png
ئاندىن چىققان كۆزنەكتىكى بۇ ئورۇنغا ئىتىبار بىلەن نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ. ھەمدە كۆك رەڭلىك دوكۇمىنتنى ئىشلىتىش (Use Voucher) دىگەن خەتنى بېسىڭ.
p177.png
ئاندىن چىققان بەتتىن ئاستىدىكى كۆك رەڭلىك كۆرۈش  (Checkout) دىگەن خەتنى بېسىڭ.
p18.png
ئاندىن چىققان بەتتىكى ئاستىدىكى زاكاز چۈشۈرۈش (Place Order) دىگەن كۆك رەڭلىك خەتنى بېسىڭ.
p19.png
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ.Order Complete زاكاز تاماملاندى.سىز بۇ قېتىمقى 6 دانە ھەقىقىي نەشىردىكى قىستۇرمىغا ھەقسىز ئېرىشتىڭىز.
p20.png
ھەقسىز ئېتىبار نومۇرغا ئ‍ېرىشىش ئۈچۈن ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.ئىنكاس يازسىڭىز ئىتىبار نومۇرنى كۆرەلەيسىز.
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ
كىيىنكى باسقۇچ يۇقارقى دېتاللارنى چۈشۈرۈش،قاچىلاش ۋە ئاكتىپلاش.
ئالدى بىلەن ئۈستىدىكى ئاكونتىم (YOUR ACCOUNT)  دىگەن جاينى بېسىپ كىرىمىز،ئاندىن تۆۋەندىكى ئىجازەتنامە ۋە قىستۇرما (Licenses & Plugins) دىگەن تۈرنىڭ ئاستىدىكى ئىجازەتنامە باشقۇرۇش (Manage Your Licenses) دىگەن بېسىپ كىرىمىز.
a1.png
ئاندىن تىزىملاتقان قىستۇرمىلارنى باشقۇرۇش (Manage Registered Plugins) دىگەن كۆزنەك ئىچىلىدۇ.شۇ كۆزنەكنىڭ ئاستى تەرەپكە قارىسىڭىز سىز تىزىملاتقان 6 دانە قىستۇرمىنىڭ ئىسمىنى كۆرىسىز.
a5.png
موشۇ ئورۇنغا كەلگەندە بەك بەك دىققەت قىلىڭ،مەشخۇلاتىڭىز خاتا بوپقالسا يۇقارقى دېتاللارنى ئاكتىپلىيالمايسىز ياكى ئىشلىتەلمەيسىز.چۈشۈرۈپ قاچىلىماقچى بولغان دېتالنىڭ ئالدى تەرەپتىكى + بەلگىسىنى بېسىپ شۇ دېتالنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيسىز.ھەمدە چۈشۈرۈش ۋە ئاكتىپلاش مەشخۇلاتى مۇشۇ ئورۇندا تاماملىنىدۇ.مەن بۇيەردە Shadow Hills Mastering Compressor قىستۇرمىسىنى سېناق قىلىپ كۆرسىتىمەن.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئالدىدىكى + بەلگىسىنى بېسىپ قىستۇرما ئۇچۇرىنى كۆرىمىز.
a3.png
ئاندىن بۇ ئىچىلغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ،بۇ بولسا مۇشۇ قىستۇرمىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرى،سىز بۇيەردىن مۇشۇ قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش ۋە ئاكتىپلاش خىزمىتىنى تاماملىيالايسىز.
a4.png
ئەڭ ئاستىدىكى چۈشۈرۈش ھۆججىتى،بۇيەردىكى Installer v1.4.0 (Mac, 98.46MB) بولسا ئالما نۇسخىسىنىڭ قاچىلاش ھۆججىتىنى كۆرسىتىدۇ،Installer v1.4.0 (Win, 53.60MB) بولسا ۋىندوۋس نۇسخىسىنىڭ قاچىلاش ھۆججىتىنى كۆرسىتىدۇ،سىزگە قايسىز كېرەك بولسا شۇنى چۈشۈرۈپ قاچىلسىڭىز بولىدۇ.قاچىلاش جەريانى ئاددى،بۇنىڭغا ئالاھىدە ماھارەت ياكى باشقىچە ھۆنەر تېخنىكا كەتمەيدۇ،بىۋاستە قاچىلاش Install دىگەن خەتنى بېسىپ كىيىنكى قەدەم كىيىنكى قەدەم دەپ تاماملىسىڭىزلا بولىدۇ.قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىڭىزنىڭ رەھبەر دېتالىڭىزنى (Cubase,logic,Protools دىگەندەك دېتاللارنى كۆرسىتىدۇ)قوزغۇتۇپ قىستۇرما يۈكلەش ئورنىدىن باياتتىن قاچىلىغان قىستۇرمىنى تاللاپ قوزغىتىسىز.
b1.jpg
قستۇرمىنى ئاچقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك ئىچىلىدۇ،بۇ ئاكتىپلانمىغان ۋاقىتتىكى ھالىتى.مۇشۇ ئورۇندىكى خالىغان جايغا مائۇسنى ئەكىلىپ باسىسىز.
b2.jpg
ئاندىن تۆۋەندىكى ئاكتىپلاش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ.ئەمدى بۇ قەدەم باسقۇچقا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ،بۇ جايدىكى مەشخۇلاتىڭىز خاتا بوپقالسا قىستۇرمىنى ئاكتىپلىيالمايسىز.
b3.jpg
يۇقارقى كۆزنەكتىكى تورسىز ئاكتىپلاش(I'm Offline) دىگەننى باسىمىز.ئاندىن چىققان كۆزنەكتىكى ھۆججەتنى ساقلاش (Save to File...) دىگەن خەتنى باسىمىز.
b4.jpg
يۇقارقى خەتنى باسقاندىن كىيىن ھۆججەت ساقلاش ئورنىنى تاللايمىز،مەشخۇلات قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ھۆججەتنى ئۈستەل يۈزى (桌面) گە ساقلاڭ،ياكى ئۆزىڭىز ئاسان تاپالايدىغان ئورۇنغا ساقلاڭ.ئاندىن بايامقى تور بېكەتتىكى يېڭى ئۈسكۈنىگە ئاكتىپلاش(Activate New Device) دىگەن جايدىكى دېتالنىڭ ID نومۇرىنى تاللاش دىگەن جايدىن 选择文件 دىگەننى بېسىپ باياتتىن ساقلىغان TXT ھۆججەتنى تاللايمىز.
b5.jpg
ھۆججەتنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكى ھازىر بار بولغان ئۈسكىنىگە ئاكتىپلاش (Activate Existing Devic) دىگەن جايدىكى ئۈسكىنىڭىز (YOUR DEVICES) دىگەن جايغا قارىسىڭىز سىز بۇرۇن ئاكتىپلاپباققان كومپىيۇتېرلارنىڭ ئىسمى ياكى ھازىر يېڭىدىن ئاكتىپلىماقچى بولغان كومپىيۇتېرنىڭ ئىسمىنى كۆرىسىز.
b6.jpg
يېڭىدىن ئاكتىپلىماقچى بولغان كومپىيۇتېرنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن ئاكتىپلاش (Activate) دىگەن خەتنى باسىمىز.
b7.jpg
Activate نى باسقاندىن كىيىن بىرتال ھۆججەت ھاسىل بولىدۇ،ئاندىن ئاستى تەرەپتىكى ئىجازەتنامە ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش دىگەن خەتنى بېىسپ يۇقارقى قىستۇرمىنىڭ ئاكلتىپلاش ھۆججىتىنى كومپىيۇتىېرغا چۈشۈرىمىز.ھەمدە شۇ ھۆججەتنى ساقلىماقچى بولغان ئورۇننى تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ،سىز بايامقىغا ئوخشاش ئۆزىڭز ئاسان تاپالايدىغان ئورۇننى تاللاپ شۇيەرگە ساقلايسىز.
b9.jpg
ساقلاپ بولغاندىن كىيىن رەھبەر دېتالىڭىزنىڭ ئىچىگە كىرىپ بايامقى كۆزنەكتىكى ئىجازەتنامىنى ئېچىش (Open License...) دىگەن بېسىپ بايام ساقلىۋالغان ئاكتىپلاش ھۆججىتىنى ئاچىمىز.
b7.5.jpg
ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن ئاستىدىكى ئاكتىپلاش (Activate) دىگەننى باسىمىز.يۇقارقى باسقۇچ ئارقىلىق بىز سېتىۋالغان قىستۇرما دېتالى Shadow Hills Mastering Compressor نى ئاكتىپلاش خىزمىتىنى تاماملىدۇق.ئۇنىڭدىن باشقا قىستۇرمىلارنىمۇ يۇقارقى قەدەم باسقۇچ ئارقىلىق ئاكتىپلىۋالسىڭىز بولىدۇ.تامام...مەشخۇلاتىڭىز توغرا بولماي سېتىۋالغان دېتالنى ئاكتىپلىيالماي ياكى خاتا مەشخۇلات سەۋەبىدىن دېتالنى ئىشلىتەلمىسىڭىز بىزدىن ئاغرىنماڭ...مەن ھەرقايسى قەدەم باسقۇچلارنى ئىنتايىن تەپسىلىي قالدۇررۇپ قويدۇم.يۇقارقى مەزمۇنغا بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ ئەزالىق تىزىملىتىپ،ھەقلىق دېتالنى ھەقسىز سېتىۋىلىپ ئاكتىپلاش جەريانىنى تەپسىلىي ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.تېخىمۇ كۆپ كېشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى ھەمبەھىرلەپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
قاتناشقانلار سانى 5تەڭگە +30 يىغىش سەۋەبى
ElyarMamat + 10
赛麦提亚森18909 + 5
Melody + 5 赞一个!
A先生 + 5
Yasenjon + 5

باھا خاتىرىسى总评分 : تەڭگە +30

قاراپ باقاي،نىمىشلار باركىن

نادىر ئىنكاس66

Melody ۋاقتى: 2022-4-19 14:07:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارامەت ئېسسسىل ئىش بولددە ، ئۆگنىش نىيەتلا بولسا بۇ تور بەتتە ھەممە مەزمۇن باركىن،. جاپا چەكتىڭلا
تېخنىكا مۇنبىرى
诸葛亮 ۋاقتى: 2022-4-19 14:23:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەندە بەكلا خۇش بولدۇم ھەم ھاياجانلىنىپ كەتتىم
艾尼瓦尔(敏感)
647460 ۋاقتى: 2022-4-19 14:32:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇنكى ئەڭ ئىسىل مەزمون بولدى
تېخنىكا مۇنبىرى
TiLSiM ۋاقتى: 2022-4-19 14:41:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئۇستاز. بەك جاپا چىكىۋاتىسىز
تېخنىكا مۇنبىرى
Yasenjon ۋاقتى: 2022-4-19 14:46:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى مەزمۇن تىمىلارنى تەييارلاۋاتىسىز كۆپ جاپپا چەكتىڭىز ھارمىغايسىز قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن
تېخنىكا مۇنبىرى
A先生 ۋاقتى: 2022-4-19 16:17:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چەكتىڭلا ھارمىمغايسىلە مۇشۇندا ياخشى ئىشلاردىن داۋاملىق خەۋەردار بوپ تۇرساق

باھا سۆز

ياخشى مەزمۇن چىقىۋاتىدۇ جاپا چەكتىڭلا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2022-4-19 16:22
تېخنىكا مۇنبىرى
塔依尔江吐尔洪实名认证 ۋاقتى: 2022-4-19 16:22:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
A先生 يوللىغان ۋاقتى  2022-4-19 16:17
جاپا چەكتىڭلا ھارمىمغايسىلە مۇشۇندا ياخشى ئىشلاردىن د ...

ياخشى  مەزمۇن  چىقىۋاتىدۇ  جاپا  چەكتىڭلا  
تېخنىكا مۇنبىرى
_Mr ۋاقتى: 2022-4-19 17:49:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
真的太好了,老师辛苦了!谢谢!
تېخنىكا مۇنبىرى
DilmuratAblikim ۋاقتى: 2022-4-19 17:53:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چەكتىڭىز ھارمىغايسىز
تېخنىكا مۇنبىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ 微信登录

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

  • ئاكتىپ يېڭى ئەزا

    تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئاكتىپ ھالدا مەزمۇن يوللىغانلارغا تارقىتىلىدۇ
  • قىزغىن ئەزا

    经常帮助其他会员答疑
  • ھەركەتچان ئەزا

    داۋاملىق پىكىر قاتناشتۇرىدىغان،جانلىق ئەزالارغا تارقىتىلىدىۇ

ئەگەشكىنى6

ئەگەشكۈچىسى17

يازمىسى41

تېما يوللاش

بۈگۈنكى تەۋسىيە

ھەپتىلىك ئاۋات مەزمۇنلار
تېخنىكا بىلىم مۇنبىرى
مۇلازىمەت تىلفون

155-9993-2550

نورمال خىزمەت ۋاقتىدا ئىزدەڭ 9:00-23:00

تەكلىپ-پىكىر

1315184912@qq.com QQ دا ئالاقىلىىڭ

تېخنىكا ئۈندىدار سالونى

Powered by Tihnika.cn X3.4© 2008-2023 Comsenz Inc.