تاللاڭ يانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

[رەھبەر دېتاللار] ھەقىقىي نەشىردىكى Pro Tools First نى چۈشۈرۈش قاچىلاش ۋە ئاكتىپلاش قوللانمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش] رەسىملەر
  • ئىجرا موھىتى

    Windows MacOS 
  • ھەجىمى

    1.5GB
  • نەشىرى

    first
  • نۇسخىسى

    ھەقىقىي نۇسخىسى 
  • يېڭىلانغان ۋاقتى

    2022-يىلى 1-ئاي
  • بايانات: بۇ دېتال توردىن يىغىپ رەتلەنگەن دېتال بولۇپ، پەقەت پايدىلىنىش ياكى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، ھەرقانداق سودىغا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ نەشر ھوقۇقى ۋە ئەسەر ھوقۇقى ئەسلى ئاپتورنىڭ ئىگىدارلىقىدا، چۈشۈرۈپ 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز!

    يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش،ئورنىتىش،ياساش ئىشلىرىغا ماھىر پىشقەدەم تېخنىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۈگۈن مەن بارلىق كونا يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە Pro tools first نىڭ ئورگان تەرەپ تارقاتقان ھەقىقىي نەشىردىكى ھەقسىز نۇسخىسىغا ئېرىشىش ئۇسۇلىنى تونوشتۇرماقچىمەن.Avid نىڭ Pro Tools First نى ئېلان قىلىشى بۇ ساھەدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر ھېساپلىنىدۇ.نورغۇن كېشىلەرنىڭ بۇ دېتالنى ئىشلىتىپ باققۇسى بار،لىكىن بۇ دېتالنىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىنىڭ باھاسى بىرقەدەر يۇقىرى،شۇ سەۋەپتىن نورغۇن كېشىلەر يەنىلا ئەرزاننى ئىزدەپ ياكى بىكالىق نەرسىنى ئىزدەپ بۇ قالتىس بولغان رەھبەر دېتالدىن كۆزى قىيمىغان ھالدا ئايرىلىدۇ.لېكىن ئورگان تەرەپ بازارنى قولدىن بەرمەسلىك،كۆپلىگەن كېشىلەرنى قىزىقتۇرۇپ كۆندۈرۈش مەخسىتىدە بولسىمۇ بۇ ھەقسىز نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان.مەن بۇيەردە تونوشتۇرماقچى بولغىنىم قانداقتۇر تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن يېشىۋىتىلگەن نۇسخىسى ياكى ئوغرى نەشىرى ئەمەس بەلكى ئورگان تەرەپتىن ھەقسىز تارقاتقان ھەقىقىيى نەشىرى.ئۇنداقتا مەن ھەرقايسى قەدەم باسقۇچلىرىنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ ئۆتەي،مەشخۇلاتنى مۇشۇ يازمىدىكى مەزمۇنغا سېلىشتۇرۇپ تەپسىلىي قىلالىسىڭىزلا سىز بۇ دېتالغا ھەقسىز ئېرىشەلەيسىز.ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى يازمىدا بولسۇن.
    截图20220430213656.png

    ئورگان تورىدىن ئاكونت ئىچىش

    Pro Tools | First بولسا بۇلۇت بوشلۇقىنى ئاساس قىلغان مۇزىكا ئىشلەش ئۈنگە ئېلىش ئانا لېنتا بىرتەرەپ قىلىش دېتالى.ئاكونتنى قايتا قايتا ئاكتىپلاپ،دېتالنى چۈشۈرۈپ يەنە ئاكتىپلاپ دىگەندەك بىرقانچە باسقۇچلارغا بۆلىنىدۇ،شۇڭلاشقا بىز ئاۋال ئورگان تورىدىن ئاكونت تىزىملىتىشىمىز كېرەك.بىز ئاۋال http://connect.avid.com/ProToolsFirst-Register.html ماۋۇ ئادرېسقا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توشقۇزۇپ تىزىملىتىمىز،مەشخۇلات ئىنتايىن ئاسان.مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى توشقۇزۇپ بولغاندىن كىيىن Avid بىز توشقۇزغان ئېلخەت ساندۇقىمىزغا بىردانە تەكلىپ ئۇچۇرى ئەۋەتىدۇ.


    تولدۇرغان ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا قارىسىڭىز "Be First on Pro Tools | First – Download Now" تېمىدىكى بىردانە ئېلخەتنى كۆرىسىز.مۇشۇ ئېلخەتنى بېسىپ كىرگەندىن كىيىن "Download Now" دىگەن كۆك رەڭلىك خەتنى بېسىپ Pro Tools | First نى چۈشۈرۈپ ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىزنى باشلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.


    كىيىنكى قەدەمدە بىز Pro Tools | Firs نى ئاكتىپلاش ئورنىتىشنىڭ بارلىق قەدەم باسقۇچلىرىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.ئەگەردە بۇ قەدەم باسقۇچلاردا بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ،ئەگەردە مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلاپ ئورنۇتۇپ بولسىڭىز تېما ئاستىغا ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرسىڭىز بولىدۇ.


    Avid ئاكونتى ئېچىش ۋە كىرىش

    ئاستىدىكى كۆك رەڭلىك كىرىش كۇنۇپكىسى  "马上开始 " نى بېسىپ Avid نىڭ تىزىملىتىش ۋە كىرىش كۆزنىكىگە كىرىمىز.ئەگەردە سىزدە Avid ئاكونتى بولسا ئۇنداقتا ئوڭ تەرەپتىكى كىرىش كۆزنىكىدىن بىۋاستە كىرسىڭىز بولىدۇ،ئەگەردە سىز تۇنجى قېتىم Avid مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۇچراشقان بولسىڭىز سول تەرەپتىكى تىزىملىتىش كۆزنىكى ئارقىلىق ئاكونت تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ.بۇيەردە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ئىككى نوختا بار،بۇ قەدەم باسقۇچتا چوقۇم شۇ نوختىلارغا دىققەت قىلىڭ.

    • مەخپىي نومۇرنىڭ چوڭ كېچىكلىكى چوقۇم 8 ھەىپتىن يۇقىرى بولىشى،چوڭ كىچىك ھەرىپلەر ئارلاش بولىشى،ھەرىپ ۋە سان ئارلاش بولىشى كېرەك.
    • ئىشلەتكەن پارولىڭىزنى چوقۇم بىرەر ئورۇنغا خاتىرلەپ ساقلىۋىلىڭ،ئۇنتۇپ قالسىڭىز قايتۇرپ ئەكىلىش سەل تەسرەك.


    ئېلخەت ئادرېسىدا دەلىللەش

    تۇنجى قېتىم كىرگەندىن كىيىن Avid سىدىن بەزىبىر شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى سورايدۇ،بۇ ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك ئورونلارنى ئىنگىلىزچە ياكى لاتىنچە توشقۇزسىڭىز بولىدۇ،توشقۇزۇپ بولغاندىن كىيىن "SUBMIT" دىگەن خەتنى بېسىپ ئاكونتىڭىزنى دەلىللىسىڭىز بولىدۇ.

    • دىققەت : بۇيەرگە تولدۇرغان ئېلخەت ئادرېسى چوقۇم تەكلىپ ئۇچۇرىنى تولدۇرىۋالغان ئېلخەت ساندۇق ئادرېسىڭىز بولىشى كېرەك،بولمىسا نورمال قوزغىتالمايسىز.
    ILok ھېساباتى قۇرۇش ياكى كىرىش

    ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسىڭىزنى دەلىللىگەندىن كېيىن بۇ باسقۇچقا بارسىڭىز بولىدۇ. ILok ھېساباتى بىلەن Avid ھېساباتى ئوخشاش ھېسابات ئەمەس ، ئايرىم تىزىملىتىشىڭىز كېرەك. ئەگەر iLok ھېساباتىڭىز بولسا ، بىۋاسىتە كىرەلەيسىز.ئوخشاشلا ، iLok ھېساباتىنىڭ مەخپىي نومۇرى 8 ھەرپتىن ئۇزۇن بولۇشى كېرەك ، بۇ چوقۇم چوڭ ھەرپ ، كىچىك ھەرپ ۋە بىر ساننى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

    گەرچە Pro Tools | First ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن iLok قا ھوقوق بىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك،ئەمما ئۇ ئىككىنچى ئەۋلات iLok قارانچۇقى تەلەپ قىلمايدۇ،ھەمدە كومپىيۇتېرغا بىۋاستە ھوقوق بىرەلەيدۇ.شۇڭلاشقا ئىككىنچى ئەۋلات iLok قارانچۇقىى ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    Pro Tools | First نى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش

    iLok ئاكونتى تىزىملىتىپ ۋە ئاكتىپلاپ بولغاندىن كىيىن،Pro Tools | First نى ئاكتىپلاشنى ئەسكەرتىدۇ،ئاكتىپلاپ قوزغىتىلغاندىن كېيىن ، iLok ھېساباتىغا مۇناسىپ ھوقۇق بېرىلىدۇ،ئاكتىپلاپ بولغاندىن كىيىن بىز AVID ھېساباتى ئىچىدىن "我的产品" نى بېسىپ،ئۇنىڭ ئىچىدىن "我的产品和订购" نى بېسىپ كىرسەك دېتالنى چۈشۈرۈش كۆزنىكى ئىچىلىدۇ،شۇ جايدىن سىستېمىمىزغا ماس كېلىدىغان سىستېما ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىساق بولىدۇ.


    يۇقارقى رەسىمدىكى Pro Tools | First مەھسۇلات تىزىملىكىنى ئاچقاندىن كىيىن بۇيەردە چۈشۈرۈش ئادرېسى بارلىقىنى كۆرىسىز.بۇيەردە سىز ئۈچۈن قاچىلاش ھۆججىتى،قاچىلاش قوللانمىسى،تېزلەتمە بۇيرۇق قوللانمىسى قاتارلىق مەزمۇنلار تەييار قىلىنغان بولۇپ سىز ئۆز ئھتىياجىڭىزغا ئاساسەن چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

    • ئەگەردە سىز Mac كومپىيۇتېر ئىشلەتسىڭىز Pro Tools First 12.X Installer (Mac) دىگەننى چۈشۈرۈڭ.
    • ئەگەردە Windows كومپىيۇتېر ئىشلەتسىڭىز Pro Tools First 12.X Installer (Win) دىگەننى چۈشۈرۈڭ.

    چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن بىۋاستە قاچىلاۋەرسىڭىز بولىدۇ،قاچىلاش جەريانىدا ھىچقانداق ئارتۇقچە تاللاش تۈرلىرى يوق،ئىككىلەنمەستىن كىيىنكى قەدەم كىيىنكى قەدەم دىگەننى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

    چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولۇپ  نى تۇنجى قوزغاتقىنىڭىزدا Pro Tools | First سىزنى iLok ھېساباتىغا كىرىپ ئاكتىپلاپ كومپىيۇتېرىڭىزغا ھوقوق بىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.سىز بۇ باسقۇچتا چىققان ئەسكەرتىش بويىچە مەشخۇلات قىلسىڭىزلا بولىدۇ،كومپىيۇتېرىڭىزغا ھوقوق بىرىلگەندىن كىيىن Avid ھېساباتىغا كىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ،Avid ھېساباتىغا كىرىپ بولغاندىن كىيىن بۇ دېتالنى خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.تامام!!!


    يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى Pro Tools | First نىڭ ھەقىقىي نەشىرىگە ئېرىشش،ئورگان تورىدىن ئاكونت ئېچىش،ئاكتىپلاش ۋە قاچىلاش چۈشەندۈرىلىشى،پىقىر قەييۇم بەگ كۆپچىلىككە خۇشاللىق تىلەيمەن!مەزمۇننى ياختۇرسىڭىز سىزگە ئاز-تولا پايدىسى بولغان بولسا تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ،تارقىتىپ قويۇڭ،رەھمەت!

    قاراپ باقاي،نىمىشلار باركىن

    نادىر ئىنكاس8

    艾山江176992957 ۋاقتى: 2022-4-30 23:46:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشى نەرسىلە مەخپى قالمىسۇن رەھمەت سىزگە

    باھا سۆز

    ئاپلا ماۋۇ بايقىلىپ قاپتۇدە  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2022-4-30 23:56
    تېخنىكا مۇنبىرى
     ئىگىسى| admin实名认证 手机认证 ۋاقتى: 2022-4-30 23:56:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    艾山江176992957 يوللىغان ۋاقتى  2022-4-30 23:46
    ياخشى نەرسىلە مەخپى قالمىسۇن رەھمەت سىزگە

    ئاپلا ماۋۇ بايقىلىپ قاپتۇدە
    تېخنىكا مۇنبىرى
    HANDAN ۋاقتى: 2022-5-1 13:46:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    رەخمەت
    تېخنىكا مۇنبىرى
    艾山江176992957 ۋاقتى: 2022-5-1 22:47:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بولسا چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى سۈرەتلىك يوللاپ قويغان بولسىڭىز  سىزدىن بەك مىنەتتار بۇلاتتۇق

    باھا سۆز

    مىنىڭ شارائىتىم يار بارمەيدۇ،،،بولمىسا چىقىرىپ قوياتتىم  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2022-5-2 11:56
    تېخنىكا مۇنبىرى
     ئىگىسى| admin实名认证 手机认证 ۋاقتى: 2022-5-2 11:56:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    艾山江176992957 يوللىغان ۋاقتى  2022-5-1 22:47
    بولسا چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى سۈرەتلىك يوللاپ قويغان بولسىڭى ...

    مىنىڭ شارائىتىم يار بارمەيدۇ،،،بولمىسا چىقىرىپ قوياتتىم
    تېخنىكا مۇنبىرى
    艾山江176992957 ۋاقتى: 2022-5-10 10:02:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن قەتتى تولدۇرالمىدىم ئېلخەت ئادرىسىنى
    تېخنىكا مۇنبىرى
    Yawakoz ۋاقتى: 2022-5-14 00:17:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    رەھمەت سزگە
    تېخنىكا مۇنبىرى
    迪力穆拉提 ۋاقتى: 2022-8-25 23:09:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھازىرمۇ ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولامدىغاندۇ،  مەن ھازىر ئىچىپ كىرسەم سىتىۋىلىڭ دەپ چىقتى،  
    تېخنىكا مۇنبىرى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ 微信登录

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    • ئاكتىپ يېڭى ئەزا

      تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئاكتىپ ھالدا مەزمۇن يوللىغانلارغا تارقىتىلىدۇ
    • قىزغىن ئەزا

      经常帮助其他会员答疑
    • ھەركەتچان ئەزا

      داۋاملىق پىكىر قاتناشتۇرىدىغان،جانلىق ئەزالارغا تارقىتىلىدىۇ

    ئەگەشكىنى6

    ئەگەشكۈچىسى17

    يازمىسى41

    تېما يوللاش

    بۈگۈنكى تەۋسىيە

    ھەپتىلىك ئاۋات مەزمۇنلار
    تېخنىكا بىلىم مۇنبىرى
    مۇلازىمەت تىلفون

    155-9993-2550

    نورمال خىزمەت ۋاقتىدا ئىزدەڭ 9:00-23:00

    تەكلىپ-پىكىر

    1315184912@qq.com QQ دا ئالاقىلىىڭ

    تېخنىكا ئۈندىدار سالونى

    Powered by Tihnika.cn X3.4© 2008-2023 Comsenz Inc.