سالام كۆپچىلىك،ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىك بولسۇن.مەن بۈگۈن سىلەرگە IK MULTIMEDIA نىڭ ئورگان تورىدىن ئاكۇنت ئېچىش(ئەزالىق ئىلتىماس قىلىش) ۋە قىستۇرما دېتاللارنى سېتىۋىلىش،ھەقسىز سوۋغا قىلغان ئۈنۈملىگۈچ ۋە قىستۇرمىلارنى ئاكۇنتىمىزغا قوشۇش ۋە IK MULTIMEDIA نىڭ قىستۇرما باشقۇرۇش دېتالى ئارقىلىق ئۈنۈملىگۈچ ۋە قىستۇرمىلارنى چۈشۈرۈش قاچىلاش ۋە ئاكتىپلاش توغرىسىدا قىسقا دەرىسلىك تەييار قىلدىم.بۇ يازمىنىڭ كۆپچىلىككە پايدىسى تېگىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
♬ ♯ ♩ ♪ ♫ ♬ ♭♬ ♯ ♩ ♪ ♫ ♭♬ ♯ ♩ ♪
ئورگان تورىدىن ئاكونت ئېچىش (تىزىملىتىش) ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن ئورگان تورىغا كىرىمىز.
ئورگان تور بېكەت ئادرېسى: https://cn.ikmultimedia.com/
تور بېكەتكە كىرگەندىن كىيىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى قىسمىدىكى ئادەم بېشى سېنبەلگىسىنى باسىمىز.
ئاندىن كىيىن ئاستىدىكى Create Account دىگەننى باسىمىز
ئاندىن بۇ بەتتىن 注册 دىگەننى باسىمىز.
ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئېچىلىدۇ.ئىچىلغان ئورۇندىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى تولۇق توشقۇزىمىز.
用户名 : دىگەن ئورۇنغا ئەزالىق ئىسىم تولدۇرىمىز.ئەزالىق ئىسمى ئارقىلىق مۇشۇ بېكەتكە كىرىش ۋە قىستۇرما باشقۇرۇشتا پايدىلىنىلىدۇ.بۇيەردە دىققەت قىلىدىغىنىمىز ئىسىمنى پىنيىنچە چوڭ ھەرىپ،كىچىك ھەرىپ ۋە سان ياكى بەلگە ئارلاش ھالەتتە بېكىتىمىز بولمىسا ئەزالىق ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ.مەسىلەن : Tihnika123|Tihnika1!@ دىگەندەك.
密码 ۋە 确认密码 دىگەن ئورۇنغا ئوخشاش بىرخىل مەخپىي نومۇر بېكىتسىڭىز بولىدۇ.
邮箱地址 ۋە 确认邮箱地址 غا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزسىز،بۇ ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق ئاكۇنتىڭىزنى دەلىللەش،ئاكتىپلاش ۋە مەخپىي نومۇر ئۇنتۇلۇپ قالغاندا نومۇرنى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا ئەسقاتىدۇ،ئىككى ئورۇنغا ئوخشاش بىر ئېلخەت ئادرېسى توشقۇزۇڭ،مەسىلەن : 123456@qq.com|tihnika@163.com|sinqi@126.com دىگەندەك.
名字 دىگەن ئورۇنغا ئىسىمىڭىزنى كىرگۈزۈڭ،چوقۇم پىنيىنچە توشقۇزۇڭ،مەسىلەن :Abdukayyum دىگەندەك بولسا بولىدۇ.ئەسكەرتىش : بۇ ئورۇنلارغا چوقۇم پىنيىنچە يېزىڭ بولمىسا تىزىملىتالمايسىز.
姓 دىگەن ئورۇنغا فامىلىڭىزنى يېزىڭ تەلەپ ئىسىمنى توشقازغاندەك بولسا بولسا بولىدۇ.
Birthday دىگەن ئورۇنغا تۇغۇلغان ۋاقتىڭىزنى تاللايسىز. مەسىلەن : Month دىگەن تاللاش ئاي،يانىۋار،فىبرال،مارت،ئاپىرىل،ماي دىگەن بويىچە (بۇيەردە مەن قايسى خەت قانچىنچى ئاي دىگەننى سۆزلىمىسەممۇ بولا،ببىلەلمىسىڭىز توردىن ئىزدىنىپ بېقىڭ،ئۇنىڭغا خوشياقمىسا خالىغانچە تاللاپ قويۇڭ،تۇغۇلغان ۋاقتىڭىزنى دەلىللىگىلى ئاۋىستىرالىيەدىن بۇيەرگە كېلىپ يۈرمەس...ھاھاھا...چاخچاقمۇ قىلغاچ يازاي ھە خەتنى)،Day دىگەن تاللاش بولسا ئاشۇ ئاينىڭ قانچىنچى كۈنى،ئۇنى كىملىكىڭىزگە قاراپ يېزىڭ.... Year دىگەن تاللاش بولسا يىل،يەنى سىزنىڭ تۇغۇلغان يىلىڭىز.مۇشۇنى بىلەلىسىڭىز ئەسلى بويىچە بىلەلمىسىڭىز خالىغانچە تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.تەپسىلى بولسۇن ئۈچۈن تەپسىليرەك يېزىپ قويدۇم.
国家/地区 دىگەن ئورۇن ھەممىمىڭىزنىڭ ئەلۋەتتە China يەنى جوڭگو.
州/其他 دىگەن ئورۇن بولسا سىزنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنڭىز،بۇيەرگە بەك تەپسىلىي يېزىپ كەتمىسىڭىزمۇ Xinjiang Hotan Urumchi QASHQAR دىگەندەك يازسىڭىز بولىدۇ،ئەسكەرتىش چوقۇم يېزىڭ ھەم چوقۇم پىنيىنچە يېزىڭ.
Retype the code دىگەن جايغا ياندىكى رەسىمدىكى دەلىللەش كودىنى كىرگۈزۈڭ،ئەگەردە (reload) دىگەن خەت چىقىۋالغان بولسا رەسىم ئۈستىگە ئەكىلىپ مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى يېنىككىنە بىر بېسىپ قويسىڭىز بولىدۇ،ئاندىن چىققان كودنى قايتا كىرگۈزۈپ ئاستى تەرەپتىكى بارلىق تاللاشنى تاللىۋەتكەندىن كىيىن 注册 دىگەن خەتنى بېسىپ تىزىملىتىسىز.ئاندىن تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر چىقىدۇ.بۇ سىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئاكۇنت ئاچقانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ بۇ تور بېكەتكە ئاكۇنت تىزىملىتىش باسقۇچىڭىز ئاياغلىشىدۇ.
ئەمدىكى باسقۇچ بولسا،ئاكۇنت دەلىللەش.
ئاكۇنت دەلىللەش باسقۇچى:
بۇ باسقۇچتا ئەمدى سىز باياتتىن توشقۇزغان ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا IK MULTIMEDIA تور بېكىتىدىن بىردانە ئېلخەت ئەۋەتىدۇ.سىز قايسى خەت ساندۇقىنىڭ ئېلخەت ئادرېسىنى توشقۇزغان بولسىڭىز ئاشۇ خەت ساندۇقىنىڭ ئورگان تورىغا كىرىپ شۇ نومۇرىڭىز ئارقىلىق كىرىسىز.ئاندىن ئېلخەت ساندۇقىڭىزنى ئاچقاندىن كىيىن ئاۋال 收件夹 غا قارايسىز،ئادەتتە بىۋاستە 收件夹 غا كېلىدۇ،ئەگەردەIK Multimedia نىڭ سىزگە يوللىغان ئۇچۇرى 收件夹 دا بولمىسا ئاستىدىكى 垃圾邮件 دىگەن تۈرنى تەكشۈرۈڭ.شۇنى ئىچىپ كىرگەندىن كىيىن ياندىكىگە ئوخشاش IK Multimedia ئىسىمدىكى بىرپارچە ئېلخەتنى كۆرسىز.ئاندىن شۇ ئېلخەتنى بېسىپ كىرىسىز.
ئېلخەتنى بېسىپ كىرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر ئىچىدىن كۆك رەڭلىك ئۇلانمىنى باسىسىز،ئاندىن شۇ ئۇلانما ئاپتۇماتىك ھالدا IK Multimedia نىڭ ئورگان تورىغا ئاتلايدۇ.
ئاندىن تۆۋەندىكى بەت ئېچىلىدۇ ھەمدە سىزنىڭ ئاكۇنتىڭىز دەلىللىنىپ بولغان بولىدۇ.
يۇقارقى مەشخۇلاتلارنى تولۇق تاماملىغان بولسىڭىز ھەمدە يۇقارقى رەسىملەردىكىدەك ئوخشاش ئېچىلغان بولسا دىمەك سىزنىڭ IK Multimedia تور بېكىتىدىن ئاكۇنت ئېچىشىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دىگەن گەپ.خوش ئۇنداقتا بىز خوتنى ئۈچىنچى باسقۇچقا يۆتكەيلى.
ھەقسىز دېتاللىرىغا ئېرىشىش ئۇسۇلى:
ئەزا مەركىزىدىكى User Area دىگەن كۆزنەك ئاستىدىكى 我的产品 دىگەن جاينى بېسىپ كىرىسىز.
كىرگەندىن كىيىن بۇر ئورۇندا سىزنىڭ ھىچقانداق دېتال ياكى ئۈسكۈنە ئۇچۇرىڭىز يوق.دىمەك سىز ئورگان تەرەپ ھەقسىز بەرگەن مەھسۇلاتلارغىمۇ تېخى ئېرىشەلمىدىڭىز دىگەن گەپ.
بۇ ئورۇندىكى IK Product Manager خېتى يېزىلغان بۇ رەسىمنى باسىمىز.
ئېچىلغان بەتتىن تۆۋەندىكىدەك قايسى ئورۇندىكىنى باسسىڭىز ئوخشاش خالىغنىڭىزدىن بىرنى بېسىڭ،ئالما كومپىيۇتېر بولسا macOS Download دىگەن ۋىندوۋس كومپىيۇتېر بولسا Windows Download دىگەننى باسىمىز.
سىستېمىڭىزغا ماس كېلىدىغان قاچىلاش پىروگراممىسىنى باسقاندىن كىيىن IK Product Manager يەنى مەھسۇلات دىرېكتورى (قىستۇرما باشقۇرۇش قورالى دەپ قويىمىز بۇنى) دىگەن دېتالى چۈشىدۇ،چۈشۈرۈپ بولاندىن كىيىن بىۋاستە قاچىلايمىز.بۇيەردە دېتالنى قاچىلاش شەكلى كۆرسىتىلمىدى،بىۋاستە قاچىلاۋەسىڭىز بولىدۇ.
قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كومپىيۇتېر ئېكراندا تۆۋەندىكىدەك سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ،شۇنى بىۋاستە بېسىپ قوزغىتىمىز.
قوزغاتقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك ئىچىلىدۇ،ئىچىلغان ئورۇندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا IK Multimedia تور بېكىتىگە ئاچقان ئاككۇنتىڭىز ۋە مەخپىي نومۇرىڭىز ئارقىلىق كىرىسىز.
Username دىگەن جاي سىزنىڭ ئاكۇنتىڭىز يەنى IK Multimedia تور بېكىتىگە تىزىملاتقاندىكى ئىسىم.
Password بولسا مەخپىي نومۇر يەنى IK Multimedia تور بېكىتىگە تىزىملاتقاندىكى مەخپىي نومۇر.
ئاستىدىكى Remember Me دىگەن جايغا خالىسىڭىز بەلگە قويۇڭ خالىمىڭىسز بەلگە قويمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،بۇ ئۇچۇرلارنى ئىسىمدە ساقلىۋالايمۇ دىگەن گەپ.
ئۇچۇرلىرىڭىزنى توشقۇزۇپ بولغاندا ئاستىدىكى LOGIN دىگەننى بېسىپ كىرىمىز.
كىرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى ئېچىلىدۇ.بۇ كۆزنەكتىكى ھەرقايسى ئىقتىدارلارنى تولۇق چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بىرلمايدۇ،مۇشۇ باسقۇچقا كەلگەندە ئۆزىڭىز قول سېلىپ تەتقىقات ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ،بۇ قورالنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى بولسا سىزنىڭ ئاكۇنتىڭىزدىكى قىستۇرما دېتاللارنى باشقۇرۇش،چۈشۈرۈش،قاچىلاش،ئاكتىپلاش قوزغۇتۇش ۋە يېڭىلاش قاتارلىقلار،سىز بۇ جايدىكى چىشلىق چاقنىڭ رەسىمىنى بېسىپ كىرىپ قىستۇرمىلارنى قاچىلايدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئىچىلغان كۆزنەكتىكى Manage My Products - مەھسۇلات باشقۇرۇش دىگەن جاينى باسىمىز.
ئىچىلغان مەھسۇلاتلار ئارىسىدىن ئۆزىڭىز ئىھتىياجلىق بولغانلىرىنىڭ يېنىدىكى Authorize (ھوقوق بېرىش) دىگەننى بېسىپ ئاكتىپلايمىز.
ھەممىسىنى ئوخشاش ھالەتتە تاماملاپ بولغاندىن كىيىن،ئورگان تورىدىكى مەھسۇلاتلىرىم دىگەن جايغا كىرىپ قارىسڭىز سىز ئېرىشكەن ۋە ياكى سېتىۋالغان بارلىق مەھسۇلاتلار(بۇيەردىكىسى بولسا مۇشۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ،مەسىلەن MIDI رويال،مىكرافون،ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرى ھەمدە ئاۋاز مەنبەسى،ئۈنۈملىگۈچ قىستۇرما دېتاللىرى دىگەندەك) نى كۆرەلەيسىز.
بۇ جايدىىن ئۆزىڭىز چۈشۈرۈپ قاچىلىماقچى بولغان ئاۋاز مەنبەسى ۋە ياكى ئۈنۈملىگۈچ قىستۇرمىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
مەھسۇلات باشقۇرۇش بېتىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر
يۇقارقى رەسىمدىكىدەك v4.2.2 Release Notes بولسا تارقىتىش چۈشەندۈرىشى يەنى مۇشۇ دېتالنىڭ v4.2.2 دىگەن نەشىرىنىڭ تارقىتىش چۈشەندۈرىلىشى.
Past Releases بولسا بارلىق نەشىرلىرى ۋە ياكى بارلىق نۇسخىلىرى
Download Resources ماتېرىيال چۈشۈرۈش،بۇ تۈردە بەزى نەشىرلىرى ۋە شۇ نەشىردىكى ماتېرىياللارنىڭ چۈشەندۈرۈش PDF ماتىرىياللىرى بار.
Sounds Download ئاۋاز ئامبىرى چۈشۈرۈش. بۇ ئورۇندا دىققەت قىلىدىغان نوختا ھەرقانداق ئاۋاز مەنبەلىرىنى قاچىلىسىڭىز چوقۇم ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاۋا ئامبىرىنىمۇ چۈشۈرىشىڭىز كېرەك،ھەمدە چوقۇم 180 كۈن ئىچىدە ئاۋاز ئامبىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىڭىز كېرەك،ئەگەردە 180 كۈن ئېچىدە ئاۋاز ئامبىرى ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرىۋالمىسىڭىز سىزنىڭ ئاۋاز ئامبىرى چۈشۈرۈش ھوقوقىڭىزنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئاۋاز مەنبەلىرىنى چۈشۈرۈش:
چۈشۈرمەكچى بولغان ئاۋاز مەنبەسىنى تاللاپ شۇنىڭ ئاستىدىكى Past Releases يەنى بارلىق نەشىرلىرى دىگەن جاينى باسىمىز.
ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن ئەڭ ئۈستىدىكى بولسا ئەڭ يېڭى نەشىرى سىز قايسى نەشىرىنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز شۇنى تاللاپ يان تەرەپتىكى چۈشۈرۈش ئورنىدىن چۈشۈرىسىز(تەۋسىيە ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈڭ،ئەگەردە ئالما كومپىيۇتېرنىڭ بەك كونا سىستېما نەشىردىكىسى بوپقالسا ماس كېلىدىغان نەشىرىنى چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ.)،ۋىندوۋس كومپىيۇتېر بولسا Windows 下载 دىگەننى ئالما كومپىيۇتېر بولسا macOS 下载 دىگەننى بېسىپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
خوش ئەمسە ئۇنداقتا بىز يۇقارقى قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق IK Multimedia تور بېكىتىدىن ئاكۇنت ئېچىش،ئاكۇنت دەلىللەش ۋە IK Multimedia تور بېكىتىدىن سېتىۋالغان ۋە ياكى ھەقسىز سوۋغاتلىق قىلغان ئاۋاز مەنبەسى ۋە ئۈنۈملىگۈچ قىستۇرما دېتاللىرىنى ئاكتىپلاش ۋە چۈشۈرۈش قاچىلاش ئىشلىتىش مەشخۇلاتلىرىنى تاماملىدۇق.مەشخۇلاتىڭىز توغرا بولماي سېتىۋالغان دېتالنى ئاكتىپلىيالماي ياكى خاتا مەشخۇلات سەۋەبىدىن دېتالنى ئىشلىتەلمىسىڭىزمەندىن ئاغرىنماڭ...مەن ھەرقايسى قەدەم باسقۇچلارنى ئىنتايىن تەپسىلىي قالدۇررۇپ قويدۇم.يۇقارقى مەزمۇنغا بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ ئەزالىق تىزىملىتىپ،ھەقلىق دېتالنى ھەقسىز سېتىۋىلىپ ئاكتىپلاش جەريانىنى تەپسىلىي ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.ئانداقتا تېمىنى ياختۇرغان بولسىڭىز ئىنكاس رايۇنىغا ئىنكاسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ،تېخىمۇ كۆپ كېشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى ھەمبەھىرلەپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:IK Multimedia تور بېكىتىنىڭ مۇلازىمىتىرى ئىتالىيەدە بولغاچقا ئاكۇنت تىزىملىتىش،ئاكتىپلاش ۋە قىستۇرما باشقۇرۇش قورالىنى چۈشۈرۈش ۋە ئاۋاز مەنبەلىرى قىستۇرما دېتاللىرىنى چۈشۈرۈش جەھەتتە نورغۇن قولايسىزلىقلار بولىشى مومكىن،شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك دېتاللارنى ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈپ بولالماسلىقىڭىز مومكىن.مەن شۇ مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ ئالما ۋە ۋىندوۋس سىستېمىسىدىكى قىستۇرما باشقۇرۇش قورالى ۋە بارلىق ئاۋاز مەنبەلىرىنى چۈشۈرۈپ تور دىسكىسىغا چىقىرىپ ئادرېسنى ھەمبەھىرلەپ قويدۇم.ئەگەردە سىز شۇلارغا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز بىردانە ئىنكاسىڭىزنى ئايىماي رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرگەچ چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
|