تاللاڭ يانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

[MacOS] M1 ئۆزەكلىك ئالما كومپىيۇتېر MacoS سىستېمىسىدا SIP نى قانداق تاقايمىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش] رەسىملەر
1.jpeg

M1 ئۆزەكلىك Mac كومپىيۇتېرلارغا دېتال قاچىلىغان ۋاقتىمىزدا '“xxx”因为出现问题而无法打开。请与开发者联系,以确定“xxx”可以配合Macos版本使用。您可能需要重新安装应用程序。请务必安装适用于该应用程序和Macos的任何可用更新。点按“报告”以查看更详细的信息,并将报告发送给 Apple。مۇشۇنداق خاتالىق يەنى xxx تە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئىچىشقا ئامالسىز،ئاچقۇچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ xx نىڭ MacoS كە ماسلىشىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈڭ.سىز بەلكىم بۇ پىروگراممىنى قايتىدىن قاچىلاشقا ئىتىياجلىق،بۇ پىروگرامما بەلكىم قاچىلاشقا ماس كېلىدۇ ۋە ياكى Macos تا يېڭىلاشنى قوللايدۇ.“报告” نى بېسىپ تەپسىلىي ئۇچۇرىنى كۆرۈڭ،ھەمدە Apple غا ئەۋەتىڭ دىگەن خاتالىق،بۇ خاتالىقلار سىزنىڭ ئىشلەتكەن دېتالىڭىزنىڭ M1 ئۆزەكلىك ئالما كومپىيۇتېرلاردا نورمال قوللىمايدىغانلىقى ۋە ياكى سىستېما كاشىلىسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا سىز بۇ دېتالنى يۇيىۋىتىشكە ئالدىرماي تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.بۇ بەلكىم سىزنىڭ Mac كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ SIP نى تاقىمىغانلىقىڭىزدىن بولغان بولىشى مومكىن.ئۇنداقتا M1 ئۆزەكلىك Mac كومپىيۇتېرلاردا SIP نى قانداق تاقايمىز؟تۆەندە مەن سىلەرگە ئالما M1 ئۆزەكلىك كومپىيۇتېرلاردا SIP نى قانداق تاقاش توغرىسىدا تەپسىلىي يازما ئېلىپ كەلدىم.بۇ بەلكىم سىزنىڭ ئالما كومپىيۇتېرىڭىزنى تېخىمۇ ئەركىن يەنى Windows سىستېمىلىرى ئىشلەتكەنگە ئوخشاش خالىغانچە دېتال قاچىلاپ ئىشلىتىشىڭىزگە پايدىسى تېگىشى مومكىن.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش
ئالاھىدە ئەسكەرتىش :  بۇ مەشخۇلات ئارقىلىق كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئالاھىدە ئىشلەتكۈچى ھوقوقى ئىچىلىپ سىستېما قوغداش ئىقتىدارى تاقىلىدۇ،شۇ سەۋەپتىن كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىشى مومكىن،بۇنى تاقاشتىن ئاۋال ئويلۇنۇپ كۆرۈپ ئاندىن تاقاڭ،ئەگەردە ئالما كومپىيۇتېر سىستېمىلىرىغا نىسبەتەن پىششىق بولمىسىڭىز ئامال بار بۇ مەشخۇلاتنى قىلماڭ،سىز پەقەت مۇشۇ دېتالنى قاچىلاش ئۈچۈنلا SIP نى تاقىماقچى بولغان بولسىڭىز ئاۋال تاقىۋىتىپ دېتالىڭىزنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن SIP نى ئىچىۋىتىڭ.ھەمدە مۇشۇ سەۋەپلىك كومپىيۇتېرىڭىزدا ھەرقانداق كاشىلا كۆرۈلسە بىز بۇنىڭغا مەسئۇل ئەمەس،سىستېمىغا پىششىق بولمىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەل قىلىڭ،ۋە ياكى باشقا ئالما سىستېمىسىغا پىششىق دوستلىرىڭىزدىن ياردەم سوراڭ.

M1 ئۆزەكلىك ئالما كومپىيۇتېر MacoS سىستېمىسىدا SIP نى قانداق تاقايمىز؟



图片
1

ئاۋال كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ،كومپىيۇتېرنىڭ تولۇق ئۆچكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن قوزغۇتۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇڭ،تاكى ئىكراندا تەڭشەش ھالىتى كۆرۈنگىچە قوزغۇتۇش كۇنۇپكىسىنى قويىۋەتمەڭ،ئاندىن سىستېما قايتۇرۇش ھالىتىگە كىرىدۇ.

2.jpeg


图片
2

يۇقارقى رەسىمدىكى جايدىن 选项 دىگەننى تاللاپ ئاستىدىكى 继续 نى بېسىڭ.
3.jpeg


图片
3


كىرگەندىن كىيىن ئۈستى تىزىملىك ئىستونىدىن 实用工具 نى بېسىپ چىققان تىزىملىكتىن 终端 نى بېسىڭ.

4.jpeg


图片
4


تېرمىنال ئىچىلغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى بۇيرۇق كودىنى كىرگۈزۈڭ ھەمدە ئىنتېر كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىجرا قىلىڭ(ئەسكەرتىش : ئىككى خەت ئارلىقىدا چوقۇم بوشلۇق قالدۇرۇڭ)
  1. csrutil disable
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
5.jpeg


图片
5


ئاندىن تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنگەندە تېرمىنالغا y ھەرىپىنى كىرگۈزۈپ ئاندىن ئىنتېر كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىجرا قىلىڭ.
6.jpeg


图片
6


تۆۋەندىكىدەك ئاچقۇچ رەسىمى كۆرۈنگەندە كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ ۋە ئىنتېر كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىجرا قىلىڭ(ئەسكەرتىش: مەخپىي نومۇر كىرگۈزگەندە ئىكراندا كۆرۈنمەيدۇ،سىز پەقەت مەخپىي نومۇرنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ بىۋاستە ئىنتېرنى بېسىۋەتسىڭىز بولىدۇ)

7.jpeg


图片
7


ئىجرا بولۇش نەتىجىسىگە ساقلايسىز.

8.jpeg


图片
8



ئەگەردە ئىكراندا System Integrity Protection is off.  دەپ كۆرۈنگەن بولسا سىزنىڭ SIP نى مۇۋاپىقىيەتلىك تاقىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

9.jpeg


图片
9


ئاخىرىدا تېرمىنالغا reboot نى كىرگۈزۈپ ئىنتېرنى بېسىڭ ۋە ياكى return نى كىرگۈزۈپ كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغۇتۇڭ.

10.jpeg

مانا بىز يۇقارقى ئۇسۇللار ئارقىلىق M1 ئۆزەكلىك Mac كومپىيۇتېردا SIP نى مۇۋاپىقىيەتلىك تاقىۋالدۇق.ئەگەردە سىز SIP تاقاپ كېرەكلىك دېتاللىرىڭىزنى قاچىلاپ بولغان بولسىڭىز ھەمدە سىستېمىڭىزدىن كاشىلا كۆرۈلۈشتىن ئەنسىرەپ SIP نى قوزغۇتىۋەتمەكچى بولسىڭىز ئالدىدىكى 4 قەدەم باسقۇچنى ئوخشاش تاماملاڭ،ئاندىن تېرمىنالغا كىرگۈزگەن csrutil disable نىڭ ئورنىغا csrutil enable نى كىرگۈزۈپ كەينىدىكى قەدەم باسقۇچنى ئوخشاش تاماملاپ قايتا قوزغىتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.

قاراپ باقاي،نىمىشلار باركىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ 微信登录

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

  • ئاكتىپ يېڭى ئەزا

    تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئاكتىپ ھالدا مەزمۇن يوللىغانلارغا تارقىتىلىدۇ
  • قىزغىن ئەزا

    经常帮助其他会员答疑
  • ھەركەتچان ئەزا

    داۋاملىق پىكىر قاتناشتۇرىدىغان،جانلىق ئەزالارغا تارقىتىلىدىۇ

ئەگەشكىنى6

ئەگەشكۈچىسى17

يازمىسى41

تېما يوللاش

بۈگۈنكى تەۋسىيە

ھەپتىلىك ئاۋات مەزمۇنلار
تېخنىكا بىلىم مۇنبىرى
مۇلازىمەت تىلفون

155-9993-2550

نورمال خىزمەت ۋاقتىدا ئىزدەڭ 9:00-23:00

تەكلىپ-پىكىر

1315184912@qq.com QQ دا ئالاقىلىىڭ

تېخنىكا ئۈندىدار سالونى

Powered by Tihnika.cn X3.4© 2008-2023 Comsenz Inc.