تاللاڭ يانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ھەقىقىي نەشىردىكى Pro tools ۋە ھەقسىز ئېرىشىش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش] رەسىملەر
pt0.jpeg
سالام كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر؟بىز ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىزدا ھەقىقىي نەشىردىكى Pro Tools First نى چۈشۈرۈش قاچىلاش ۋە ئاكتىپلاش ئۇسۇلىنى تونوشتۇرغان ھەمدە Pro Tools نىڭ ھەقىقىي نەشىرى بولغان Pro Tools First نۇسخىسىغا ھەقسىز ئېرىشىش ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي تونوشتۇرغان.Pro Tools First نۇسخىسى Avid نىڭ دەۋىر خارەكتىرلىك ئېلان قىلغان ھەقىقىي نەشىردىكى ھەقسىز نۇسخىلىق Pro Tools دېتالى بولۇپ،ئۇنىڭ بىر كەمچىلىكى بولسا چوقۇم بۇلۇت بوشلۇقى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىدۇ،ھەمدە پەقەت 3 تاللا قۇرۇلۇش ھۆججەت قۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ،ئەگەر تور كاشىلىسى سەۋەپلىك بۇلۇت بوشلۇقى ئىچىلمىسا ئۇنداقتا بۇ نۇسخىسىنى ئىشلىتىشىڭىز بىرقەدەر قىيىنغا توختايدۇ ھەمدە ئاساسەن دىگۈدەك ئىشلىتەلمەيسىز.لېكىن ئورگان تەرەپ بازارنى قولدىن بەرمەسلىك، يەنىمۇ كۆپلىگەن كېشىلەرنى قىزىقتۇرۇپ كۆندۈرۈش مەخسىتىدە بولسىمۇ Pro Tools نىڭ بۇ  ھەقسىز نۇسخىسى بولغان Pro Tools Intro نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان.مەن بۇيەردە تونوشتۇرماقچى بولغىنىم قانداقتۇر تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن يېشىۋىتىلگەن نۇسخىسى ياكى ئوغرى نەشىرى ئەمەس بەلكى ئورگان تەرەپتىن ھەقسىز تارقاتقان ھەقىقىي نەشىرى.بۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولۇت بوشلۇق ئىشلەتمىسىڭىزمۇ iLock ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بىۋاستە قاچىلاپ ئاكتىپلاپلا قوزغۇتۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.خوش ئۇنداقتا بىز Pro Tools Intro بىلەن تەپسىلىي تونوشۇپ چىقايلى.
pt6.jpeg

1.Pro Tools Intro دا بىز قانچە يوللۇق قۇرۇلۇش ھۆججىتى ئىشلىتەلەيمىز؟
Pro Tools Intro بىز جەمئىي 8 دانە ئاۋاز يولى،8 دانە چالغۇ يولى،8 دانە MIDI يولى، 4 دانە غول لېنىيە ئاۋاز يولى ۋە ياكى Routing Folder ئىشلىتەلەيمىز. دىمەك بىردانە مۇكەممەل بولغان مۇزىكا ئىشلەش قۇرۇلۇش ھۆججىتى قۇرۇپ پايدىلانغىلى بولىدۇ دىگەن گەپ.مىنىڭچە بۇ تامامەن يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر بولسۇن ۋە كىچىك تىپتىكى ئاۋاز ئېلىش مۇزىكا ئىشلەش ئىشخانىلىرى بولسۇن،ۋە مەيلى كەسپىي ئىشخانىلار بولسۇن ھەممىگە ماس كېلىدۇ.
WX20221205-130521.png

2.Pro Tools Intro ئۆزىدە بار بولغان قىستۇرمىلار ۋە ئاۋاز مەنبەلىرىدىن قايسىلار بار؟
Pro Tools Intro بولسا Xpand!2 ئاۋاز مەنبەسى بار،بۇنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مەۋھۇم چالغۇ خىزمەتخانىسى،بۇ جەمئىي 1200 خىلداىن ئارتۇق چالغۇ ۋە ئاۋاز تەڭشەكلىرى بار بولۇپ،بۇنىڭدا دۇمباق،بىرىكمە چالغۇ،باس،گىتتار،پىئانىنو،كاناچىلىق چالغۇلار،يەللىك چالغۇلار،سوقما چالغۇلار ، ئادەم ئاۋازى ۋە مىللىيچە چالغۇلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ Pro Tools ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن ئەڭ قالتىس ئاۋاز مەنبەسىدۇر.يەنە ئۇنىڭدىن باشقا 34 دانە ئىستۇدىيەلەردە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك بولغان شۇنداقلا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۈنۈملىگۈچ قىستۇرمىلىرىمۇ بار.ئۇلار تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچتىن باشلاپ زال ئۈنۈم ۋە چوقۇم ئىشلىتىشكە تېگىشلىك بولغان قىستۇرما ئۈنۈملەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دىگۈدەك بار.
pt3.jpeg

3.Pro Tools Intro نىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىغا قانداق ئېرىشىمىز؟
يېڭى ئابۇنتلار : ئەگەردە سىز Pro Tools نىڭ يېڭى ئابۇنتى بولسىڭىز Pro Tools تىن يېڭى ئاكۇنت ئېچىش ۋە ئاكتىپلاش جەريانىدا سىز ئاپتۇماتىك ھالدا iLok ھېساباتىغا ھەقسىز ئېرىشەلەيسىز،بۇ ھېساباتتا دەل Pro Tools Intro ۋە Pro Tools First نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنىڭ چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ھوقوقى بار بولىدۇ.
كونا ئابۇنتلار : ئەگەردە سىز Pro Tools نىڭ كونا ئابۇنتى بولسىڭىز ۋە ياكى بۇرۇنلا ئاكۇنت ئېچىپ بولغان بولسىڭىز Avid Link ۋە ياكى Avid ھېساباتى ئارقىلىق Pro Tools Intro نى ئاكتىپلاپ ئىشلىتىش ھوقوقىغا ئېرىشسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش : ئەگەردە سىزدە Pro Tools نىڭ مەڭگۈلۈك ھوقوقىغا ئېرىشكەن باشقا نۇسخىلىرى بوپقالسا Pro Tools Intro نى سېناپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمايمىز.چۈنكى ئىككى خىل نۇسخا بىر ھېساباتتا نورمال ئىجرا بولمايدۇ.شۇ سەۋەپلىك بەلكىم سىزنىڭ باشقا نەشىردىكى Pro Tools دېتالىڭىزنىڭ ئىشلىتىش ھوقوقىغا تەسىر يېتىشى مومكىن.
pt4.jpeg

4.Pro Tools First ۋە Pro tools نىڭ باشقا نۇسخىلىرىدا ئىشلەنگەن قۇرۇلۇش ھۆججىتىنى Pro Tools Intro دا ئىچىپ بىرتەرەپ قىلىشقا بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ،لىكىن Pro Tools Firs دا ئىشلەتكەن قۇرۇلۇش ھۆججەتنى Pro Tools Intro دا ئىشلىتىش ئۈچۈن سىز بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ھۆججەت فورماتىنى ئۆزگەرتىپ Pro Tools ھۆججەت فورمات شەكلىگە ئەكىلىشىڭىز كېرەك.باشقا نۇسخىلىرىنىڭ بوپقالسا بىۋاستە ئىچىپ ئىشلەتىسىڭىز بولىدۇ.ئەمما بىر تەلەپ سىزنىڭ Pro Tools Intro نىڭ چەكلىمىشىدىن ئىشىپ كەتكەن ھۆججەتلەرنى چوقۇم بىرقانچە قۇرۇلۇش ھۆججىتىگە پارچىلاپ ئاندىن ئايرىم ئايرىم ئۈنۈملەپ تەييارلاپ بولغاندا بىراقلا بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىشىڭىز كېرەك.چەكلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن يوللارنىڭ ئاۋاز ۋە ياكى مۇزىكا ھۆججەتلىرى ئىچىلمايدۇ،شۇنداقلا نورمال ئىجرا بولىشىغا تەسىر يېتىدۇ.Pro Tools Intro نىڭ ئورگان تەرەپ تەپسىلىي تونوشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ.
https://www.avid.com/zh/pro-tools/intro
Pro Tools نىڭ ئورگان تورىدىن ئاكۇنت ئ‍چىش،ئاكتىپلاش ۋە دېتالنى قاچىلاش قەدەم باسقۇچلىرى بۇرۇنقىغا ئوخشاش بولغاچقا بۇ جەريان قايتا يېزىلمىدى،سىز تېخنكا مۇنبىرى ۋە ياكى ئۈندىدار سالونىمىزدىن مۇناسىۋەتلىك يازمىنى كۆرۈپ شۇ بويىچە مەشخۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
بۇرۇنقى يازمىمىز بويىچە ئاۋال ئاكۇنت ئىچىپ ئاكۇنتىڭىزنى ئاكتىپلايسىز،ئاندىن ئۈستىدىكى ئۇلانما ئادرېسى ئارقىلىق بېكەتكە كىرىسىز.
ptt1.png

ۋە ياكى بۇرۇن قاچىلاپ قويغان Avid Link ئىچىدىن بىۋاستە ئاكتىپلاپ قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

Avid Link نىڭ ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈش ئادرېسى :
https://www.avid.com/zh/products/avid-link
ئەگەردە Avid Link نى قاچىلىمىغان بولسىڭىز ئاۋال يۇقارقى ئادرېستىن Avid Link نى چۈشۈرۈپ ئاندىن ئورگان تورىدىكى ئاكۇنتىڭىز ئارقىلىق بىۋاستە كىرسىڭىز 产品 دىگەن جايدىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز.
ptt2.png

vid Link قوزغاتقاندىن كىيىن ئاكۇنت كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ptt3.png

vid Link ھېسباتىڭىزنى ئاچقاندىن كىيىن بۇ ئورۇندىن
Pro Tools نىڭ ئىككى خىل نۇسخىسىنى بايقايسىز.

ptt4.png

سىز بۇ جايدىن Pro Tools First نى ئەمەس Pro Tools Intro نى تاللاپ قاچىلاش بۇيرىقىنى بەرگەندىن كىيىن ئاپتۇماتىك ھالدا چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئاكتىپلاپ ھەممىسى بىراقلا تاماملىنىدۇ.قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تۇنجى قوزغىلىشى سەل ئاستا ، بۇ سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلانغان بارلىق قىستۇرما ۋە ئاۋاز مەنبەلىرى ھۆججىتىنى بىر-بىرلەپ سىكانىرلاپ ئاۋازلارنىڭ ھەممىسىنى يۈكلەپ بولغاندا تاماملىنىدۇ،كىيىنكى قېتىمدىن باشلاپ قوزغاتسىڭىز قوزغىلىشى ۋە ئىجرا بولىشى ئىنتايىن تېز،بۇ Pro Tools First غا قارىغاندا نەچچە يۈز ھەسسە ياخشى ۋە قولايلىق.


Pro Tools ئورگان تورىدىن ئاكۇنت ئىچىش ۋە ئاكتىپلاش Pro Tools First غا ھەقسىز ئېرىشىش ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ.
https://tihnika.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=66&extra=page%3D1
تىزىلىتىش،ئاكتىپلاش ۋە قاچىلاش جەريانىدا ھەرقانداق مەسىلىگە يولۇقسىز تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ،بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن نادىر مەزمۇنلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئاز-تولا ئىنىرگىيە تولۇقلاش يۈزىسىدىن ئاستىغا بىرنەچچە ئىغىز يۈرەك سۆزلىرىڭىز ۋە تەكلىپ - پىكىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.
قاراپ باقاي،نىمىشلار باركىن

نادىر ئىنكاس1

A先生 ۋاقتى: 2022-12-6 01:07:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئابدۇقېيۇمجان
تېخنىكا مۇنبىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ 微信登录

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

  • ئاكتىپ يېڭى ئەزا

    تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن ئاكتىپ ھالدا مەزمۇن يوللىغانلارغا تارقىتىلىدۇ
  • قىزغىن ئەزا

    经常帮助其他会员答疑
  • ھەركەتچان ئەزا

    داۋاملىق پىكىر قاتناشتۇرىدىغان،جانلىق ئەزالارغا تارقىتىلىدىۇ

ئەگەشكىنى6

ئەگەشكۈچىسى17

يازمىسى41

تېما يوللاش

بۈگۈنكى تەۋسىيە

ھەپتىلىك ئاۋات مەزمۇنلار
تېخنىكا بىلىم مۇنبىرى
مۇلازىمەت تىلفون

155-9993-2550

نورمال خىزمەت ۋاقتىدا ئىزدەڭ 9:00-23:00

تەكلىپ-پىكىر

1315184912@qq.com QQ دا ئالاقىلىىڭ

تېخنىكا ئۈندىدار سالونى

Powered by Tihnika.cn X3.4© 2008-2023 Comsenz Inc.